ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇھەممەتجان روزى خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى 28-ئاپرېل ئايكۆل يېزا ئۇشتۇرما كەنتىدە «ياشلىق باھارىنى ئۇرغىتىپ، گۈزەل ئارزۇلارنى قاناتلاندۇرايلى» تېمسىدا قوش تىلدا ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە «4-ماي» ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.