باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ ئورگانلىرى تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق تور مۇلازىمىتى مۇنبەرلىرىنى مەخسۇس تۈزەيدۇ

2016.05.04 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگرامىسى. 4-مايدىن باشلاپ بۇ يىل 9-ئايغىچە، ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسى ئېلىمىزدىكى ج ى ئورگانلىرى تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرىنى تەشكىللەپ، تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايى ئىشلار كۆپ يۈز بېرىدىغان تور مۇلازىمىتى مۇنبىرىنى مەركەزلىك، مەخسۇس تۈزەپ، توردىكى قانۇنغا خىلاپ بۇ خىل جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئۈنۈملۈك چەكلەيدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 3-ماي ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان، تور ئالدامچىلىقى، تور ئوغرىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ئىشلار كۆپ يۈز بېرىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بىر قىسىم قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ تور مۇلازىمىتى مۇنبىرى ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ۋە ھېسابات نومۇرى ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىپ، تور ئارقىلىق تېلېفون نومۇرىنى ئۆزگەرتىش ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنى توپ يوللاش ئەسۋابى قاتارلىقلار ئارقىلىق تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

  مەخسۇس تۈزەش مەزگىلىدە، ج خ ئورگانلىرى قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن تۈزەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توردىكى «قالايمىقان نۇقتىلارنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش» نى چىڭ تۇتۇپ، بەش خىل تور مۇلازىمىتى مۇنبىرىدە مەركەزلىك تۈزەش ۋە مەخسۇس زەربە بېرىشنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: توردا بېلىق تۇتۇش، نومۇر ئوغرىلاش، نومۇر ئۆزگەرتىش قاتارلىق ۋىرۇسلارنى تارقىتىپ سېتىش ۋە تەمىنلەش، خاككېر ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۇچۇر ئوغرىلاش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىق توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت قوراللىرىنى تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش؛ پۇقرالارنىڭ ئۇچۇرلىرى، سالاھىيىتى، بانكا كارتىسى ۋە تېلېفون نومۇرىدىن ئىبارەت «قارا كارتا» بىلەن تەمىنلەش؛ «ساختا بازا پونكىت» ۋە قىسقا ئۇچۇرنى توپ يوللاش ئۈسكۈنىسى، يۇمشاق دېتالىنى قانۇنسىز سېتىش؛ غەرەزلىك تىزىملاش، ساختا گۇۋاھلىق بېرىش، ساختا سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە ھايىنىغا سېتىش ياكى دائىرە نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر