باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بىر قىسىم دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا «يېقىن تۇغقانلار كۆپىيىش» ھادىسىسى تەكشۈرۈلدى

2016.05.05 13:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «باش بانكىنى باشقۇرىدىغان 691 كادىر ئىچىدە 220 كادىرنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرىدىن 240 كىشى بانكا سىستېمىسىدا خىزمەت قىلغان». بۇنداق «يېقىن تۇغقانلار كۆپىيىش» ھادىسىسى جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، جايلاردىكى يەرلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى دۆلەت ئىلكىدىكى نۇرغۇن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار رەھبەرلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يېقىن تۇغقانلىرىنى قۇبۇل قىلىش مەسىلىسى ساقلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىر قىسىم ئورۇنلاردا، «ئادەمگە ئاساسەن ئىش ئورنى بەلگىلەپ قۇبۇل قىلىش»، ئايلاندۇرۇپ ئادەم ئەكىرىش، ئىچكى قىسىمدا كۆڭۈل بۆلۈش، گىرەلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «يېقىن تۇغقانلار كۆپىيىش» ھادىسىسى كۆپلەپ يۈز بەرگەن.

  ئاز ساندىكى رەھبىرىي كادىرلار يەنە يېقىن تۇغقانلىرىنى كىرىمى يۇقىرىراق ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرغان.

  مۇتەخەسسىسلەر، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى «يېقىن تۇغقانلار كۆپىيىش» ھادىسىسىنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار رەھبەرلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا، يېقىن تۇغقانلىرىنى ئۆزى تەۋە ئورۇنغا خىزمەتكە قۇبۇل قىلىش ياكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بايقىلىشىچە، كەسپىي ئورۇن ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلاردا «يېقىن تۇغقانلار كۆپىيىش» ھادىسىسى ھەرگىزمۇ قىسمەنلىك بولماستىن، بەلكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. بۇلتۇر مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈچىنچى ئايلانما مەخسۇس تۈر تەكشۈرۈشىدىكى 31 ئورۇن ئىچىدە، جۇڭگو تەيپىڭ سۇغۇرتا گوروھى، جۇڭگو مېترولوگىيە ئىدارىسى، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق ئالتە ئورۇن «يېقىن تۇغقانلار كۆپىيىش» مەسىلىسىگە چېتىلغان. بۇلتۇر مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلانما مەخسۇس تۈر تەكشۈرۈشىدە، جۇڭگو پوچتىسى، جۇڭگو نېفىتچىلىكى، جۇڭگو دېڭىز نېفىتچىلىك باش شىركىتى قاتارلىق ئۈچ ئورۇندىمۇ «يېقىن تۇغقانلار كۆپىيىش» ئەھۋالى ساقلانغانلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

  جياڭشى، خەينەن، فۇجيەن قاتارلىق رايونلاردىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىمۇ دۆلەت ئىلكىدىكى نۇرغۇن كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا «يېقىن تۇغقانلار كۆپىيىش» مەسىلىسى ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىغان، مەسىلەن، «ئاز ساندىكى رەھبىرىي كادىرلار پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆز سىستېمىسىدىكى كىرىمى يۇقىرىراق ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىقلار. ۋەزىپىگە قۇبۇل قىلىشتا چەتنىتىش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلارمۇ بۇ سەۋەبلىك مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن.

  يۈننەن ئۆلكىلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ لياڭيۈن قاتارلىق نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئانالىز قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئادەم كىرگۈزۈشى ئاسانلا ئورۇنلار ئىستىلىنىڭ بۇزۇلۇپ، چىرىكلىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېدى. ئۇزۇن مۇددەت «يېقىن تۇغقانلار كۆپىيىش»نىڭ نەتىجىسى كۆپىنچە ئىچكى قىسىمدا بەلگىلىمىگە خىلاپ خادىم ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىپ، «ناچارلار ياخشىلارنى قوغلاپ چىقىرىش»تەك ناچار ئىستىل پەيدا قىلىپ، باشقا خادىملارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

  «يېقىن تۇغقانلار كۆپىيىش»نىڭ ئۈچ چوڭ ۋاسىتىسى:

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ئورۇنلاردا «يېقىن تۇغقانلار كۆپىيىش»نىڭ ۋاسىتىسى توختىماي يېڭىلىنىپ، بارغانچە يوشۇرۇن بولۇپ قالدى.

  __ «ئادەمگە قاراپ ئورۇن بەلگىلەش»، مەخسۇس ئورۇن بەلگىلەش. «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى نۆۋەتتىكى تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن، چەت ئەلدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، خەلقئارا بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپ ئېنگىلىز تىلى تۆتىنچى دەرىجە كېنىشكىسى بار، پىڭنەن نوپۇسىدىكى، 25 ياشتىن تۆۋەن بولغان ئايال بولۇش» تەلەپ قىلىنغان. تورداشلار «شەخسنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى» دەپ ئاتىغان بۇ قۇبۇل قىلىش ھۆججىتى دەل فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرى پىڭنەن ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى قارىمىقىدىكى ھەق ئېلىش ھۆججەتلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىغا ئاشكارا قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، نىڭدې شەھەرلىك كادىرلار ئىشلىرى ئىدارىسى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى ھەم قۇبۇل قىلىنغان خادىمنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى.

  گۇاڭشى ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ سابىق ئاخبارات باياناتچىسى: ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتىنىڭ بەكلا ئىنچىكە بولۇپ كېتىشى «ئادەمگە قاراپ ئورۇن بەلگىلەپ قۇبۇل قىلىش» ئۈچۈن بوشلۇق قالدۇردى. «گۇاڭشىدىكى مەلۇم شەھەردە بىر خادىم قۇبۇل قىلماقچى بولۇپ، كەسپى چەكلىنىپ قالماي، يەنە چەت ئەلدە ئوقۇپ ماگېستىر بولغان بولۇش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. بۇ شەرت قويۇلغانلىقتىن، پەقەت مەلۇم ئىدارە باشلىقىنىڭ قىزىلا بۇ شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن. بۇ ئىشنى بىز قاتتىق بىر تەرەپ قىلدۇق»، دەپ كۆرسەتتى.

  تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، بىر قىسىم كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار خادىم قۇبۇل قىلغاندا، «ۋاسكېتبول، پەي توپ، تىكتاكتوپ، سېتكا توپ قاتارلىقلاردا دۆلەت ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تەنھەرىكەتچى سالاھىيىتى بولۇش»، ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەن بولۇش، دېگەندەك قۇبۇل قىلىدىغان ئورۇنغا مۇناسىۋەتسىز شەرتلەرنى قويغان. بۇ، ئەمەلىيەتتە قۇبۇل قىلىشنى باھانە قىلىپ، مەلۇم كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر