خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ماي بېيجىڭدا، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بۇنخاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ بۇنخاڭنىڭ جۇڭگوغا دوستانە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياخشى، قەدىناس دوستى، ئۇزاق مەزگىل جۇڭگو-لائوسنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقارغان، لائوس پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرى بولغاندىن كېيىن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى، لائوس پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ، بۇنىڭغا ئىنتايىن قايىل بولىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك ھالەتنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن ئاسان قولغا كەلمەيدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو-لائوسنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو-لائوس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگو-لائوسنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ۋە كۈچلۈك تۈرتكىسى بىلەن جۇڭگو-لائوسنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلاندى. جۇڭگو، لائوس بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لائوس پارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك، قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتۈش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق فاڭجېنى ۋە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇش روھى بويىچە، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىل مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ بۇزۇلماس جۇڭگو-لائوس تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى