باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى تارقاتتى

2016.05.03 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى ئاساس قىلىش، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مەزمۇنىنى بېيىتىش، باراۋەر ھەمكارلىشىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمەت پرىنسىپدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ خىزمەت نىشانى بولسا 2020-يىلغىچە، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ قۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپ، كۆپ تەرەپ مائارىپ ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلىقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، مائارىپ ساھەسىدىكى خەلقئارا قائىدىلەرنى تۈزۈشكە قاتنىشىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ھەر خىل يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر