باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى ھۈسەنجان نامان يازغان «ئۇيغۇر شېئىر شەكىللىرى توغرىسىدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2016.05.03 13:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ) ئون نەچچە يىل جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق 65 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىي شەكىل ۋە شېئىر شەكىللىرىگە باھا بېرىشتىكى ئۆلچەم سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، 500 پارچىدىن ئارتۇق گېزىت-ژۇرنال، كىتاب كۈرۈش ئارقىلىق ئىلمىي ئاساسلىرى تۇرغۇزۇلغان، مەخمۇت زەيدى، مۇھەممەت شاۋۇدۇن، ئۇچقۇنجان ئۆمەر، يالقۇن رۇزى... قاتارلىق 65تىن ئارتۇق شائىر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇلغان، ھەر بىر شائىر، قەلەم ئىگىسى، ھەۋەسكار، تەتقىقاتچى، ئىزدەنگۈچى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى پايدىلىنىدىغان، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە دەرس قىلىپ ئۆتۈشكىمۇ بولىدىغان «ئۇيغۇر شېئىر شەكىللىرى توغرىسىدا» ناملىق كىتاب 2016يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فۇتۇ سۈرەت نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى ھۈسەنجان نامان (ھۈسەن نامان) 1960-يىلى 8-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى توغرا ئۆستەڭ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1982-يىلى9-ئايدىن 1984-يىلى 7-ئايغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان. 1984-يىلى 9-ئايدىن 11-ئايغىچە يېڭىئېرىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە، 1984-يىلى 11-ئايدىن 2015-يىلىغىچە ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەپ پىنسىيەگە چىققان. ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ماتېىماتىكا ئالىي تېخىنىكۇم كەسپىدە ئوقۇغان. 2000-يىلى 12-ئايدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بويىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەن. ئۇ جاپالىق ئوقۇتۇش شارائىتىدىمۇ ئوقۇتۇش خىزمىتى، ئىلمىي تەتقىقات، ئىجادىيەتنى زىچ بىرلەشۈرۈپ، 1985-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 78 پارچە ئىلمىي ماقالە، 32 پارچە ھىكايە، 433 پارچە شېئىرىنى ئېلان قىلغان.

  ئۇنىڭ يەنە 2001-يىلى 12-ئايدا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرلىقى» ناملىق كىتابى، 2008-يىلى 1-ئايدا «دولان مەشرەپ-مۇقاملىرىنىڭ سېھرىي كۈچى» ناملىق كىتابى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. «دولان مەشرەپ-مۇقاملىرىنىڭ سېھرىي كۈچى» ناملىق كىتابى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2008-يىللىق «ئون بىر» يورۇق نۇقتا قۇرۇلۇشىدا «ياخشى كىتاب›› بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.

  ئۇ ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر