باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسترونوملار ئولتۇراقلىشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۈچ سەييارىنى بايقىدى

2016.05.04 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-مارت، ئەنگلىيە، بېلگىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاسترونوملار ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئارىلىقى يەر شارىدىن 40 يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان بىر كىچىك يۇلتۇز ئەتراپىدا يەر شارى بىلەن چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش كېلىدىغان ئۈچ سەييارىنى بايقىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ سەييارىدا يەر شارى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان ھاياتلىق ۋە سۇ بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئولتۇراقلىشىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان شارائىت بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇ دوكلاتقا ئاساسەن، يېڭى بايقالغان بۇ ئۈچ سەييارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە تېمپېراتورىسى يەر شارى ۋە ۋېنىرا بىلەن ئوخشاپ كېتىدىكەن، تېمپېراتۇرا دائىرىسى ئېرىتمە ھالەتتىكى سۇ ۋە ھاياتلىقنى ساقلاشقا مۇۋاپىق ئىكەن. بۇ ھازىرغا قەدەر ئاسترونوملارنىڭ قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا ھاياتلىق ئىزدەشنىڭ زور مۇساپە بەلگىسى بولۇپ قالدى.

  مەزكۇر دوكلاتنىڭ تۇنجى ئاپتورى، بېلگىيە لىئەگى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مىسار جىلۇڭ مۇنداق دېدى: يەر شارىدىكى ئىنسانلار ۋە ھاياتلىق ئىزدەش تەتقىقاتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقەتەن بىر زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ. ئەگەر ئاسترونوم ساھەسىدىكىلەر بىپايان ئالەم خارابىلىكىدىن باشقا ھاياتلىق ئىزدەشنى ئۈمىد قىلسا، بۇ كىچىك يۇلتۇزلارنى ئايلىنىپ يۈرگەن سەييارىنى تەتقىق قىلىش ئەمەلىيەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر