باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ئالىي سوت مەھكىمە باشلىقلىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2016.05.05 10:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ئالىي سوت مەھكىمە باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4-ماي جياڭسۇنىڭ سۇجۇدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەر ئالىي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يىغىندا «يەرشارى ئۇچۇرلاشتۇرۇش دەۋرىدىكى ئەدلىيە» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتى، ئەدلىيە ئادىللىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى، بۇ خەلقئارا ئەدلىيە ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ بىر يول»قۇرۇلۇشى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئالاقىسى، سودا ۋە خادىملارنىڭ باردى كەلدىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، ئەدلىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ئەدلىيە ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە، ئۆزئارا ئەينەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، جىنايەتكە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، ماجىرالارنى ھەل قىلىپ، تەرتىپلىك قانۇن مۇھىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئەدلىيە مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر