باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تارماقلار بىرلىشىپ مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرىدۇ

«نومۇر ھايانكەشلىرى» ۋە «تور داۋالاش ئالدامچىلىرى»غا مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ

2016.05.04 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 3-ماي دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، «نومۇر ھايانكەشلىرى» ۋە «تور داۋالاش ئالدامچىلىرى»نىڭ ئاغرىق سېتىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق سەككىز تارماق 21-ئاپرېل ئۇقتۇرۇپ چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىشىپ «نومۇر ھايانكەشلىرى» ۋە «تور داۋالاش ئالدامچىلىرى»نى مەركەزلىك تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنۈپ، بۈگۈندىن باشلاپ بۇ يىل ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، كونكرېت تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئايدا بىر قېتىم ساقچىلارنى مەركەزلىك تەشكىللەپ نۇقتىلىق دوختۇرخانا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش؛ دوختۇرلار ئۆزىنىڭ قولدا يېزىپ نومۇر قوشۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇچۇر سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ نومۇر ئېلىش، نومۇر قوشۇشنى بىر تۇتاش قاتتىق باشقۇرۇش؛ ئېلان تەشۋىق قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالاقە تورىدا تارقىتىلغان ئېلانلارنىڭ مەزمۇنى چوقۇم سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان مەزمۇنلار بىلەن بىردەك بولۇش، تەستىقلانمىغان داۋالاش ئېلانلىرىنى تارقاتماسلىق؛ نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارغا ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ «نومۇر ھايانكەشلىرى» قارا تىزىملىكى قۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش قاتارلىقلار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر