باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: كېيىنكى قەدەمدە ئېلېكتر كۈچى، تەبىئىي گاز قاتارلىق ساھەلەرنىڭ باھا ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ

2016.05.04 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تور پونكىتى 3-ماي «باھانىڭ پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا كۈچ قوشايلى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كېيىنكى قەدەمدە گوۋۇيۈەننىڭ «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھات تەلىپى بويىچە، بازار باھانى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ، باھا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. بۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئېلېكتىر كۈچى، تەبىئىي گاز، داۋالاش مۇلازىمىتى، قاتناش-ترانسپورت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رىقابەتلىك ھالقىلارنىڭ باھاسىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىش كېرەك. مۇھىت ئاسرايدىغان توك باھاسىغا تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ۋە تولۇقلىما بېرىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن ساھەلەردە يەككە ئېنېرگىيە سەرپىياتى بويىچە پەرقلىق توك باھا سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. نورمىدىن ئارتۇق ئىشلىتىلگەن سۇغا ھەسسىلەپ باھا قوشۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باھا قانۇنى، بەلگىلىمە، نىزاملىرىنى تىز تۈزۈپ ياكى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش قىلمىشىنىڭ قائىدىسى، بازار باھا قىلمىشىنىڭ ئۆلچىمى، باھا گۇۋاھلىقىدىن ئۆتۈش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەننەرخنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. باھانى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تىز ئىلگىرى سۈرۈپ، باھانى تەكشۈرۈپ ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈش ۋە ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، باھا جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باھا مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، باھانىڭ پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر