خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن فوتوسى) يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇغا يېزىسى كورا كەنتى ئۇيغۇر، خەنزۇ دېھقانلار ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بىلەن بۇ كەنتكە چۈشكەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار 5-ئاينىڭ 1-كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى» پائالىيتىنى ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق تەبرىكلەش ۋە يېمەكلىك مەدەنىيتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر نامايەن قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك يېمەكلەرنى تەييارلاشقا ئېپى بار كەنت تەۋەسىدىكى ياشلارنى تەشكىللەپ مەدەنىيەت، ھەمكارلىق، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق ئوتىدا پىشۇرۇلغان 30 خىلدىن ئارتۇق تائام-غىزالارنى تەييارلاپ بىرلىكتە تېتىش، غىزالىنىش، بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى ئېلىپ باردى.
سۈرەتتە: ياشلار كەنت قورۇسىدا تۈرلۈك تائام-غىزالارنى تەييارلىماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى