خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن فوتوسى) يوپۇغا ناھىيەسى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرە سەيلىگاھىدا 4-قېتىملىق جۇڭگو شىنجاڭ يوپۇغا ئېشىكى پادىشاھى، كىچىك قويرۇقلۇق خەنياڭ قويى پادىشاھىنى تاللاش مۇسابىقىسى ۋە قوچقار سوقۇشتۇرۇش، تۆگىلىك ئوغلاق تارتىشىش ھەم تۆگە، ئېشەك بەيگىسى، سارغايدى ئويۇنى، ئوزۇن چاچلىق ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش سەنئىتى، قوملۇق گۈلخان مەشرىپى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، 10 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق ساياھەتچى ۋە يەرلىكتىكى ئاممىغا زور مەنىۋى خۇشاللىق ئاتا قىلدى.
سۈرەتتە: قوچقار سوقۇشتۇرۇش، تۆگە بەيگىسى، تۆگىلىك ئوغلاق تارتىشىش پائالىيتىدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى