باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قانۇنسىز يۈرۈشى تەرتىپكە سېلىندى

2016.05.04 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەلىك قاتناش ساقچىلىرى چوڭ ئەترىتى بىلەن چارلاش ساقچىلىرى ئەترىتى بىرلەشمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ، مۇددىتى ئىككى ئايلىق بولغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قانۇنسىز يول يۈرۈشىنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

  ھەرىكەت جەريانىدا 200 دىن ئارتۇق ساقچى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدە چارلاش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پىراۋىسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش، قاتناش بەلگە سىزىقلىرىنى قانۇنسىز بۆسۈپ ئۆتۈش، نۇمۇر تاختىسى ئاسماسلىق، موتوسىكلىتلىقلار بېشىغا قوغدىنىش قالپىقى كىيمەسلىك، سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، قىرىل چىراغنى بېسىپ ئۆتۈش، ئۆز لىنيەسىدە ماڭماسلىق، باشقىلارنىڭ يولىنى ئىگىلىۋېلىش... قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنى نوقتىلىق تەرتىپكە سېلىپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر