باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇشقا 705 كىشى قوبۇل قىلىدۇ

2016.05.05 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 3-ماي ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10 تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇشقا 705 كىشى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس (پۈتكۈزۈش ئالدىدىكى نىشانلىق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنداقلا، شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس)نى پۈتكۈزگەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرمۇ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇشقا بولىدىكەن. تىزىمغا ئالدۇرۇشتا، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىملىتىش ۋە ئالىي مەكتەپلەر تەۋسىيە قىلىش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ئېلان قىلغان شۇ يىللىق مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىگە ئاساسەن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەكتەپ ۋە كەسىپنى تاللىسا بولىدىكەن ھەم ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىدىكەن؛ ئىمتىھان ۋاقتى توقۇنۇش بولمىغان ئەھۋالدا، ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئىككى مەكتەپنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان كەسپىىنى تاللىسا بولىدىكەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئېتىراپ قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەنلەر مۇسابىقىسى، كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە دۆلەت 3 ـ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر، ئاپتونوم رايون 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر مەكتەپكە ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10 تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر قوللىنىشچان خىمىيە، ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمى، بالىلار مائارىپى، خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ھۈنەر - سەنئىتى قاتارلىق 25 كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر