باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لى كېچياڭ فۇجيەندىكى جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

2016.05.09 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-ماي سائەت بەشتە فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرى تەينىڭ ناھىيىسى كەيشەن يېزىسىدا تاغ گۆمۈرلۈپ، ئەتراپتىكى چىتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىر بىناسىنى بېسىۋالدى، بىر قۇرۇلۇش ئورنىدىكى ئىشچىلار ياتاق ئۆيلىرى كۆمۈلۈپ قالدى. سائەت 12 گىچە يەتتە كىشى يارىلاندى ، 34 كىشى يوقاپ كەتتى.

  ئاپەتتىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، فۇجيەن ئۆلكىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: دەرھال كۈچ تەشكىللەپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قاپسىلىپ قالغان ، يوقاپ كەتكەنلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، ئۆلۈم يېتىمنى ئىمكان قەدەر ئازايتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەمدە ياردىرلارنى داۋالاش قۇتقۇزۇش، يارىلانغان ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا تەسەللى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش لازىم. نازارەت قىلىش سىگنال بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا دىققەت قىلىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەرلىك ۋە كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك ئاپەت ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى مال مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.جۇڭگو كومپارتىيسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كۆمۈلۈپ قالغانلارنى ئاختۇرۇش قۇتقۇزۇش ۋە يارىلانغانلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەش كېرەك. زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلامچى بولۇپ تەسىس قىلىش، يەرلىكنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە نەق مەيدانغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىش لازىم. دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئورنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەرلىكنىڭ تۈرلۈك تەبئىي ئاپەت يوشۇرۇن خەۋىپىنى تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر