باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كانادانىڭ غەربىي قىسىمدىكى ئورمانلىقتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكتىن 60 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى

2016.05.06 09:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كانادانىڭ غەربىدىكى ئېيبىرتا ئۆلكىسىدە 3-ماي ئورمان ئۆت ئاپىتى يۈز بەردى، بۇ ئۆلكىنىڭ شىمالىدىكى نېفىت مۇھىم بازىرى مەيكىمۇر قۇرغىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن ئاز دېگەندە 60 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى، بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ ئويلىرى كۆيۈپ كەتتى، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىلمىدى.

  بۇ ئۆلكە تارىختا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكتىن چېكىندۈرۈلگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق ئىش بولدى. كانادا زۇڭلىسى تىرودو ئاپەت ئەھۋالىغا كۆڭۈل بىلدى، ھەمدە پۇقرالارنىڭ چېكىنىش بۇيرۇقىغا بۇي سۇنۇپ، جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شۇ يەردىكى ئۆت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە: مەيكىمۇر قۇرغىنى رايونىدا يېقىندا بىر قەدەر كىچىك تىپتا ئورمان ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆت ئاپىتى كونترول قىلىنغان، بىراق ئۆت 3- ماي ئاساباسكا دەرياسىدىن ئۆتۈپ شەھەر رايونىغا كېڭىيىپ ئۆت كەتكەن دائىرە ئەڭ دەسلىپىدىكى 1 مىڭ 285 گېكتاردىن تېزدىن كېڭىيىپ ھازىرقى 2 مىڭ 600 گېكتارغا يەتكەن. ى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر