باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فېنلاندىيەلىك 10 ياشلىق ئوغۇلبالا Instagram نىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقىنى بايقاپ مۇكاپاتلاندى

2016.05.05 18:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فېنلاندىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 10 ياشلىق فېنلاندىيەلىك بىر ئوغۇلبالا سۈرەت ھەمبەھىرلەش ئەپ دېتالى Instagramنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن، 10 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 64 مىڭ 900 يۈەن خەلق پۇلى) بىلەن مۇكاپاتلانغان.

  يانى ئىسىملىك بۇ بالا خېلسىنكىدا تۇرىدىكەن. بۇ يىل 3-ئايدا ئۇ، ئەگەر Instagramنىڭ خەت قالدۇرۇش رامكىسىغا يامان نىيەتلىك كودنى كىرگۈزگەندە، باشقىلارنىڭ قالدۇرغان خېتىنى ئۆچۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  يانى Instagramغا ئېلخەت يېزىپ، بۇ تېخنىكىلىك يوچۇقنى ئېيتقان، بىر قانچە كۈندىن كېيىن Instagram تەرەپ خەت قايتۇرۇپ، يوچۇقنىڭ ئېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. مۇكاپات ئۈچۈن، Instagram تەرەپ ئۇنىڭغا 10 مىڭ دوللار بەرگەن.

  يانىنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ پىروگرامما تۈزۈش ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى بۇنچە چۈشىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. يانى تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ پىروگرامما تۈزۈش ئويۇنىغا مەستانە بولۇپ قالغىلى نەچچە يىل بولغانلىقىنى، كەلگۈسىدە بىر ئۇچۇر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  2013-يىلى فېنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدىكى 15 سىناق نۇقتىسى قىلىنغان باشلانغۇچ مەكتەپتە يەتتە ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان بالىلارغا كومپىيوتېر دەرسى تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ خىل كۆرۈنمە پىروگرامما تۈزۈش تىلى ئارقىلىق پىروگرامما تۈزۈشنى ئۆگەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر