باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى زاڭ شياۋجۈن قاتارلىق ئىككى كىشى تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

2016.05.05 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى زاڭ شياۋجۈن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى قۇرۇلۇش بازارلىرى نازارەتچىلىك باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما (ئىدارە) باشلىقى دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى تۇ يا ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  زاڭ شياۋجۈننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  زاڭ شياۋجۈن، ئەر، خەنزۇ، جىلىن نوڭئەنلىك، 1958-يىلى 11- ئايدا تۇغۇلغان، 1982-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1986-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن .

  1978 -يىلى 9-ئايدىن 1982-يىلى 8-ئايغىچە، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1982-يىلى 8-ئايدىن 1985-يىلى 3-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 1-بىناكارلىق-قۇرۇلۇش شىركىتى پەرزەنتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1985-يىلى 3-ئايدىن 1987-يىلى 6-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 1-بىناكارلىق-قۇرۇلۇش شىركىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان؛

  1987 -يىلى 6-ئايدىن 1989-يىلى 12-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 1-بىناكارلىق-قۇرۇلۇش شىركىتى دىرېكتور ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان؛

  1989-يىلى 12-ئايدىن 1994-يىلى 3-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 1-بىناكارلىق-قۇرۇلۇش شىركىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  1994-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر قۇرۇلۇشى ئارخىپ يۇرتىنىڭ كادىرى، ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كاتىپى بولغان.

  1998-يىلى 7-ئايدىن 1999-يىلى 11-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر قۇرۇلۇشى ئارخىپ يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1999 -يىلى 11-ئايدىن 2001-يىلى 5-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (1999-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى 12 ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكلەر سىنىپىدا ئوقۇغان.)

  2001-يىلى5-ئايدىن 2008-يىلى 9-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتى ئۆي-زېمىن كەسپى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئۆي-زېمىن ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. ( بۇ ئارىلىقتا: 2006-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 1-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  2008 -يىلى 9-ئايدىن 2011-يىلى 8-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2011-يىلى 8-ئايدىن 2014-يىلى 11-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە ئاپتونوم رايونلۇق ئۆي ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2010-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر