باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدا تۆت كىشى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

2016.05.05 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 .بورتالا دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى كان بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سەي زىچياڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. سەي زىچياڭ بورتالا دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى كان بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە كان مۇلازىمەت ئوبيېكتىدىن ئالغان ۋە قوبۇل قىلغان مال سېتىۋېلىش كارتىسى، نەق پۇل ۋە نەرسىلەرنىڭ قىممىتى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكەن؛ قوبۇل قىلغان تاماكا ۋە ھاراق قاتارلىق سوۋغات، ئىستېمال كارتىسىنىڭ قىممىتى 5000 يۈەنگە يەتكەن. سەي زىچياڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە مەمۇرى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلدى. (بۆلۈم خادىملىقىغا تۆۋەنلىتىلدى)

  2. ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيەسى چاغراق شىپاخانىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئۆمەرنىڭ قائىدىگە خىلاپ مېھمان كۈتۈش مەسىلىسى. 2015-يىلى 5-ئايدىن 7-ئايغىچە، ئەنۋەر ئۆمەر ھۆكۈمەت ئىشىدا كۈتۈۋېلىش رۇخسىتى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن باشقىلارنى كۈتۈۋېلىش چىقىمى 3000 يۈەنگە يەتكەن.ئەنۋەر ئۆمەرگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  3. غۇلجا شەھىرى بايانداي بازىرىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، ‹‹ئۈچ ئەل خىزمىتى›› بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىڭ كەيلىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ساياھەت قىلىش مەسىلىسى. 2015-يىلى 12-ئايدا، شىڭ كەيلى بايانداي بازىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خۇاشى كەنتى، يىۋۇ قاتارلىق جايلاردا خىزمەت تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش باھانىسى بىلەن 18 ئادەمنى تەشكىللەپ بېيجىڭ، نەنجىڭ، سۇجۇ قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان. شىڭ كەيلىگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. ( شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)

  4. يېزا ئىگىلىك 1-شى ئارال شەھىرى ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يىن خوڭلياڭنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشلىرىغا ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، روزا ھېيتلىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدە، يىن خوڭلياڭ ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنى ئېلىپ ئىلى نارات مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە بارغان. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، يىن خوڭلياڭغا 1-شى ئارال شەھىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر