باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئالتۇن ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ

2016.05.05 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى، تاموژنا باش مەھكىمىسى 4-ماي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، تەستىق رەسمىيىتىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، سودىنىڭ قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئالتۇن ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت تەستىقنامىسىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش تۈزۈمىنى باشقۇرۇش سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  مەركىزىي بانكىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالتۇن ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇنىي ۋەكىللەر «ئالتۇن ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىمپورت-ئىكىسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى شەرت ۋە تەستىقلاش تەرتىپى بويىچە، «بىر كىنىشكىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش» تەستىقنامىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. «بىر كىنىشكىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش» تەستىقنامىسى ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئىچىدە «تەستىقنامە تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە»، بەلگىلەنگەن سان ۋە قېتىمدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. تاموژنا تەستىقنامە دەپتىرىنىڭ ئارقا يۈزىدىكى «تاموژنا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش ئىلاۋە ئىستونى» ئىچىگە ئىمپورت (ئېكسپورت) قېتىم سانىنى ئىلاۋە قىلىدىكەن، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 12 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

  ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، نەنجىڭ، چىڭداۋ، شېنجېن تاموژنىسىدا ئالتۇن ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش «بىر كىنىشكىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش» تەستىقنامىسىنى باشقۇرۇش سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان بولۇپ، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. باشقا تاموژنىلار يەنىلا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر