باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2015-يىلى ياۋروپاغا بارغان قۇرامىغا يەتمىگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى كۆپەيدى

2016.05.05 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2015- يىلى قۇرامىغا يەتمىگەن 90 مىڭ مۇساپىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان شىنگىن رايونىدىكى 4 دۆلەتتە پاناھلىنىش ئىلتىماسى سۇنغان. بۇ سان 2008- يىلدىن 2013-يىلغىچە 10 مىڭ ئەتراپىدا مۇقىملاشقان بولۇپ، 2014- يىلغا كەلگەندە ئادەم سانى بىر قاتلانغان.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە: 2015- يىلى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە كەلگەن ئۇرۇق تۇغقىنى بولمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن مۇساپىرلار ئىچىدە ئوغۇل بالىلار%91 نى ئىگىلىگەن، ئافغانىستان بىلەن سۇرىيە قۇرامىغا يەتمىگەن مۇساپىرلارنىڭ كېلىش مەنپىي بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا 45 مىڭ ۋە 14 مىڭغا يەتكەن. شىۋېتسىيە قوبۇل قىلغان پاناھلانغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 35 مىڭغا يەتكەن، گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋسترىيە، نورۋېگىيە ۋە ئىتالىيە ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر