باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مائارىپ

1538 كىشى 12-نۆۋەتلىك سۇڭ چىڭلىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىردى

2016.05.05 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقى تورىدا 12-نۆۋەتلىك سۇڭ چىڭلىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان نامزاتلار تىزىملىكى ئېلان قىلىنىپ، بېيجىڭ شەھەرلىك ۋېن خۇي ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى لى مېڭيۈ قاتارلىق 1538 نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى نامزاتلار ئىسىملىرى بېكىتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، سۇڭ چىڭلىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتى، جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قۇرغان دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر 11 نۆۋەت تارقىتىلغان. 12- نۆۋەتلىك سۇڭ چىڭلىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى باھالاش خىزمىتى 2015-يىلى 9-ئايدا رەسمىي باشلانغان، ھەر قايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مائارىپ ئىدارىسى تەشكىللەپ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ ھەم يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدۇ، ئاندىن سۇڭ چىڭلىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى فوندى ئىشخانىسىغا ئەۋەتىلىپ، تەكشۈرگەندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر