باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاڭباڭپىسو ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولدى

2016.05.05 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى شۇرۇسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاڭباپىڭسو ئۆمەك باشلاپ 1-مايدىن 3-مايغىچە ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى شۇرۇس، 1- مۇئاۋىن باشلىقى تانىيانى، دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بۇروك بىلەن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يادرولۇق گۇرۇپپىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتلەشتى ۋە كۆرۈشتى.

  شاڭباپىڭسو مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەزىيىتى ياخشى، ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى پائال تۇتاشتۇرۇپ، تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتماقتا. ئىككى تەرەپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. بۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

  ياۋروپا تەرەپ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي باھا بەردى، ھەمدە بىرلا جۇڭگو بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ۋە ئىككى تەرەپنىڭ يەر شارى شېرىكلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قوللاپ،قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر