باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

2016.05.05 17:37   مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ) پۈتكۈل كائىنات يېشىللققا تولغان، ھەممە جايدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى» پائالىيتى قىزغىن داۋاملىشىۋاتقان، ھەر مىللەت خەلقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن چەكسىز ئۈمىدكە تولغان بۇ گۈزەل دەقىقىلەردە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يېڭىدىن پۈتكۈزۈلگەن 23 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلىنىپ، 5-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يوپۇغا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى داۋامىدا، يوپۇغا ناھىيەسى كوماندىسىدىن ياسىنجان مۇھەممەد، قىزىلسۇ ئوبلاستى كوماندىسىدىن ئابدۇغەنى رەھمۇتۇللا، مەكىت ناھىيەسى كوماندىسىدىن روزى قاسىم قاتارلىق ئۈچ ئەزىمەت 55 كىلوگىرامدىن 65 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە ئايرىم- ئايرىم 1-، 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى كوماندىسىدىن ئىبراھىم ئوسمان، ئۈرۈمچى شەھىرى كوماندىسىدىن تىلىۋالدى ئەركىن، خوتەن ۋىلايىتى كوماندىسىدىن ئابدۇقاسىم ئەخمەت قاتارلىق ئۈچ ئەزىمەت 65 كىلوگىرامدىن 75 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە ئايرىم- ئايرىم 1-،2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ئاتۇش شەھىرى كوماندىسىدىن ئابدۇشۈكۈر، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى كوماندىسىدىن ئابدۇللا ياسىن، ئۈرۈمچى شەھىرى كوماندىسىدىن قۇۋەتبېك باخىتقان (قازاق) قاتارلىق ئۈچ ئەزىمەت 75 كىلوگىرامدىن 85 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە ئايرىم- ئايرىم 1-، 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ يوپۇغا ناھىيەسى كوماندىسىدىن ئابدۇللا ھوشۇر، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى كوماندىسىدىن ھەمدۇللا تۇرسۇن، خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيەسى كوماندىسىدىن مۇھەممەدنىياز ئەخمەتنىياز قاتارلىق ئۈچ ئەزىمەت 85 كىلوگىرامدىن 95 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە ئايرىم- ئايرىم 1-، 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى كوماندىسىدىن مۇھەممەد ئابدۇسەمەت، مارالبېشى ناھىيەسى كوماندىسىدىن پەرھاد مۇھەممەد، ئۈرۈمچى شەھىرى كوماندىسىدىن خالىد بېك قاتارلىق ئۈچ ئەزىمەت 95 كىلوگىرامدىن يوقۇرىلار مۇسابىقىسىدە ئايرىم- ئايرىم 1-،2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئومۇمىي يەككە تۈردە يوپۇغا ناھىيەسى كوماندىسىدىن ئابدۇللا ھوشۇر، مارالبېشى ناھىيەسى كوماندىسىدىن پەرھاد مىجىت، ئۈرۈمچى شەھىرى كوماندىسىدىن خالىد بېك قاتارلىق ئۈچ ئەزىمەت ئايرىم- ئايرىم 1-، 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ كوللېكتىپ تۈردە ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى كوماندىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى كوماندىسى، يوپۇغا ناھىيەسى كوماندىسى ئايرىم- ئايرىم 1-، 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. قەيسەر ئەركىن، ھاشىمجان ئېزىز، كېرەم ئىمىن، مانات، جياڭ چېياڭ قاتارلىق تۆت كىشى مۇنەۋۋەر رېپىر بولۇپ باھالاندى. يوپۇغا ناھىيەسى كوماندىسىدىن ئابدۇللا ھوشۇرنىڭ يەككە ئومۇمىي تۈردە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى نەتىجە ئېلان قىلىنغاندا، مەيداننىڭ كۆرۈش سوپىسىدىكى يوپۇغا خەلقىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، چاۋاك بىلەن گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىپ، يوپۇغا ناھىيەسى ئوغلانى ئابدۇللا ھوشۇرنىڭ نەتىجىسىگە تەنتەنە قىلىشتى. نۇرغۇنلىغان كۆرۈرمەننىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ياشلىرى، قەلبىدىن مىننەتدارلىق سۆزلىرى تۆكۈلدى. ئابدۇللا ھوشۇرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يۇرتداشلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئۇنىڭغا تون، دوپپا كىيدۈرۈپ نەتىجىسىنى قۇتلۇقلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يوپۇغا ناھىيەسىدە تۆت كۈن داۋاملاشقان بۇ نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى يوپۇغا ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى، قىزىقىشىغا ماس ھالدا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغان؛ ئەنئەنىۋى چېلىشىش تەنھەرىكىتىنىڭ بەش چوڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان؛ مەيدان ، كۆرۈش سەھنىسى ۋە بىخەتەرلىك شارائىتى ئەڭ ياخشى؛ ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسى ئەڭ يوقىرى؛ كۆرۈرمەن ئەڭ كۆپ قاتناشقان ۋە چىن دىلىدىن رازى بولغان؛ دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، مەدەنىيەت، ھەمكارلىق ئەۋج ئالغان؛بارلىق ئىشلار بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق داۋاملاشقان ۋە ئاخىرلاشقان ئۇنتۇلغۇسىز، ئالاھىدە بىر مۇسابىقە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·1538 كىشى  12-نۆۋەتلىك سۇڭ چىڭلىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىردى 
      ·بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇشقا 705 كىشى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش خى…
      ·جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
      ·جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم–پەن تەتقىقات مەركىزى قۇردى
      ·ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى يولغا قويۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش ئورۇندىكىلەرنىڭ سىناق مەز…
      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى