باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ماي بايرىمىدا دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلدى

2016.05.05 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دۆلەتلىك تۆت A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولغان دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 10 مىڭلىغان ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلب قىلدى. دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى ھەر كۈنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 4000 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ساياھەتچىلەر سانى موقىملىشىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئالتۇن پەسلى كۈتۈۋېلىندى.

  ماي بايرىمىغا سوۋغا قىلىپ تەييارلانغان «چيەنچىڭ باغچىسى»دىكى بانان، ئاناناس قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق تىروپىك بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ساياھەتچىلەر يالفۇنلىرىنى ئېلىپ بەس-بەستە رەسىمگە چۈشۈپ، گۈزەل ئەسلىمىلەردىن خاتىرە قالدۇرۇشتى.

  دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ بايرامنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن دولانلىقلار بېلىق تۇتۇش بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى بېلىق تۇتۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلدى.

  دولان قەبىلە مەنزىرە رايونىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋ پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى كۈتۈۋېلىشقا ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغان ئىدۇق. بۇ يىل ساياھەتچىلەرنىڭ سانى موقىم ئاشتى. سىرتتىن كېلىدىغان ساياھەت ئۆمەكلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. مەنزىرە رايونىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت ساياھەتچىلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر