- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈچ نەپەر جۇڭگولۇق ئالىم ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكىغا سايلاندى
2016.05.06 09:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى 3-ماي بۇ يىللىق يېڭىدىن كۆپەيتىپ سايلانغان ئاكادېمىك ۋە چەتئەللىك ئاكادېمىكلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگولۇق ئالىم ياڭ پىيدوڭ، دەي خوڭجې ۋە مىڭ شاڭجىن ئاكادېمىكلىققا سايلاندى. جۇڭگو پەنلەر ئارغىمىقىنىڭ مۇھىت گېئولوگىيە ئالىمى ئەن جىنىڭ چەتئەللىك ئاكادېمىكلىققا سايلاندى.
ياڭ پىيدوڭ نامو تېخنىكىسى ئالىمى بولۇپ، 1971- يىلى جۇڭگونىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان.
دەي خوڭجېمۇ نامو تېخنىك مۇتەخەسسىسى بولۇپ، 1966- يىلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋياڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان.
مىڭ شاڭجىن مولېكۇلالىق ۋىرۇس مۇتەخەسسىسى بولۇپ، 1985-يىلى جۇڭگو شەندۇڭ ئۆلكىسى بىڭجۇ تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئەن جىنىڭ 1941-يىلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ جېجياڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، 2000- يىلى 3- نۆۋەتلىك دۇنيا پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىققا سايلانغان.
بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىنىڭ ئومۇمي سانى 2 مىڭ 291 غا، چەتئەللىك ئاكادېمىكلىرىنىڭ ئومۇمي سانى 465 كە كۆپەيدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر