باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشىغا ئارىلىشىشى ۋە ۋاكالىتەن تولدۇرۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ

2016.05.06 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقىنىڭ يېقىندا بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 2016-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىدا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشىغا ئارىلىشىشى ۋە ۋاكالىتەن تولدۇرۇشىنىڭ قەتئىي چەكلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا رايون ئارا، مەكتەپ ئارا ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى قامال قىلىشى ۋە يەرلىكنىڭ قوغدىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشىغا ئارىلىشىشى ۋە ۋاكالىتەن تولدۇرۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىدىن ھەر قانداق نامدا راسخوت ياكى نەرسە تەلەپ قىلىشى، قوبۇل قىلىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ساختا تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالداش، ئازدۇرۇش قىلمىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ پىلاندىن سىرت، بەلگىلىمىگە خىلاپ رايون ئاتلاپ، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپ نامىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر