- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇبىي ئافرىقا يەنە بىر قېتىم قارا رەڭلىك دەم ئىلىشقا يولۇقتى
2016.05.06 09:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ قاتناش مىنىستىرى پۇدىس 3-ماي مۇنداق دېدى: ئەمدى ئاخىرلاشقان 1-ماي دەم ئىلىش مەزگىلىدە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جەمئىي 237 كىشى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 كۆپەيدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى، مەستلىك ، تېز سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەش، چارچىغاندا ماشىنا ھەيدەش ھەمدە ئاپتوموبىللارنى يانداپ ئۆتۈش قاتارلىقلاردا يۈز بەردى. جەنۇبىي ئافرىقا گەرچە قانۇننى ئىجرا قىلىش سالمىغىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، بىراق قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشنى توسۇپ قالالمىدى. ئالاقىدار تارماقلار تېخىمۇ قاتتىق بولغان قاتناش باشقۇرۇش تەدبىرىنى چىقىرىپ، ۋەقە پەيدا قىلغان شوپۇرلارنى جازالايدۇ.
جەنۇبىي ئافرىقا يەر شارى بويىچە قاتناش ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بېرى بولۇپ، ھەر يىلى 700 مىڭدىن كۆپرەك ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يىلىغا 14 مىڭ كىشى قازا قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر