خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا روسىيە دۆلەتلىك دۇما رەئىسى نارىشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ئالدىن بىلەن نارىشكىندىن زۇڭتۇڭ پۇتىنغا بولغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى سورىدى ۋە مۇنداق دېدى: جۇڭگو-روسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس، دۇنيانىڭ تىنچ، تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىق، ئورتاق يېڭىش تارىخىي ئېقىمىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن كېيىنكى باسقۇچتا جۇڭگو-روسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم، يەنى ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ كۆپ كونكرېت ئىشلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىش. بۇ يىل «جۇڭگو-روسىيە قوشنىلار ئارا دوستانە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىجتىمائىي ۋە ئەل رايى ئاساسى سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى