باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قانۇننى زورلۇق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالمايلى

2016.05.05 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى ئادەم ئۇرغان بىر پارچە كۆرۈنمە چاستوتا توردا تارقىلىپ يۈردى. كۆرۈنمە چاستوتىدا، فورما كىيگەن بىر نەچچە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم بېشىغا قالپاق كىيىۋالغان ھالدا قولىدىكى كالتەك بىلەن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش بار ئىدى.

  كۆرۈنمە چاستوتا تارقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئالاقىدار ئەھۋاللار دەلىللەندى. 30-ئاپرېل، خەينەن ئۆلكىسى خەيكۇ شەھىرى شيۇيىڭ رايونى چيۇڭخۇا كەنتىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى چېقىش جەريانىدا، زورلۇق بىلەن قانۇنغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئەھۋالى يۈزبەرگەن. نەق مەيداندىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاممىنى ئۇرغان. خەيكو شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنى كېچىلەپ بىر تەرەپ قىلىپ، شيۇيىڭ رايونىنىڭ باشلىقىنى خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئاممىنى ئۇرۇشقا قاتناشقان بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشقا بۇيرىغان.

  بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى چېقىش نەق مەيدانىدا تاش ئېتىش، ساليۇت ئېتىش، گاز باكىنى كۆيدۈرۈش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكەتلىرى ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن. لېكىن، قانداقلا بولسۇن، قانۇننى مەدەنىيەتسىزلىك بىلەن ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ. يەنە كېلىپ تاياق يېگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئاياللار، ياشانغانلار ۋە بالىلار بار ئىكەن. ئالاقىدار تارماقلار ئۆيىنى چېقىشقا توسقۇنلۇق قىلغان ئاممىغا ئىدىيەۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮىگە مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇپ، مەسىلىلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن ئەستايىدىل ھەل قىلىشى كېرەك ئىدى. زورلۇق كۈچ بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش قارىماققا ئاددىي، ئۈنۈمى تېز بولغان بىلەن، جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. مەركەز زىددىيەت، ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا، باشلىنىشىدا ھەل قىلىش كېرەك، كىچىك مەسىلىنىڭ چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. شۇنداق دېيىش كېرەككى، ئاممىنىڭ ھوقۇق ئېڭىنىڭ زور دەرىجىدە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ﺑﯩﺰنىڭ ئالدىمىزدىكى خىزمەت مۇھىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى چېقىش ھەرىكىتىدە تەشكىللەش ياخشى بولمىغان، كادىرلارغا بېرىلىدىغان تەربىيە ئەمەلىيلەشمىگەن. خەيكۇ شەھەرلىك پارتكوم شيۇيىڭ رايونىنىڭ ئىستېپا بەرگەن رايون باشلىقى ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدا قانۇننى ئىجرا قىلىش جەريانىدا قانداق مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

  ھازىرقى ئەھۋالدا، قانۇن بويىچە ئىش قىلغاندىمۇ جەمئىيەتكە بېرىدىغان تەسىرىنى كۆپرەك ئويلىشىش لازىم؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى چېقىش جەريانىدا ئاممىنى ئورسا، ئاممىۋى ئىشەنچتىن ئايرىلىپ، ئاممىنىڭ نەزەردىن تېخىمۇ چۈشۈپ كېتىش كېلىپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر