باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى سەككىز ئۆلكىنىڭ مىللىي مائارىپ خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ

2016.05.06 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى پات ئارىدا بىرلىشىپ ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق سەككىز ئۆلكىنىڭ مىللىي مائارىپ خىزمىتىگە نەق مەيداندا نازارەتچىلىك قىلىدۇ.مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇ جىۋېن، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن گەيخۇنىڭ گۇرۇپ باشلىقلىقىدا «مىللىي مائارىپقا نازارەتچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا تۆت نازارەتچىلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىدۇ، ھەر بىر گۇرۇپپا ئىككى ئۆلكىگە مەسئۇل بولۇپ، نەق مەيداندا نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى نازارەتچىلىك قىلىشتا، ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)نىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش، مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ خىزمەت مېخانىزمنى بەرپا قىلىش ئەھۋالى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا قارىتىلغان مائارىپقا قاراتمىلىق ياردەم بېرىش ئەھۋالى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپى قۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىق خىزمەتلەرنى مەلۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر