باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكى بەختىيار خەنزۇ بالىلار

(زىيارەت خاتىرسى)

2016.05.06 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەسىدىن: تۇرغۇن مىجىت، نۇرمۇھەممەت توخنىياز خەۋىرى) بىز ئىنسانىي پەزىلەتنى ئەلا بىلىپ، كۆڭۈل-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى، باغرىنىڭ يومشاقلىقى بىلەن ئاجىز نارىسىدە ئىككى خەنزۇ بالىنىڭ ئۆچەي دەپ قالغان ھايات شامىنى قايتىدىن ياندۇرۇپ، دۇنيانىڭ مىھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ كېلۋاتقان ئۇيغۇر بوۋاي-مومايلارنىڭ تەسىرلىك ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، 2-ماي ئارام ئېلىش ۋاقتىمىزدىن پايدىلنىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلىش ئىستىكىدە، ناھىيە بازىرىدىن 37 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مول ھۇسۇل 3-مەيدان 1-ليەنىگە بېرىپ، 74 ياشلىق رۇزى قادىر بوۋاي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى نىيازخان ئاۋۇتنىڭ ئۆيىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ، دەرۋازىنى چەكتۇق.

  ئوتتۇرا بوي، ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان رۇزى قادىر بوۋاي بىزنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ھويلىسىغا باشلىدى. بىز ھويلىنىڭ بىر چېتىگە قۇيۇلغان كارىۋات ئۈستىدىلا ئولتۇردۇق. ئۇلار سودا-سېتىق ئۈچۈن 3-مەيداننىڭ بازىرىغا تەييارلىق قىلۋاتقان ئىكەن، ئۇلار بىزنىڭ كېلىش مۇددايىمىزنى ئۇقۇپ:

  -مۇخبىر دەڭلا ئۇكىلىرىم،-دېدى رۇزى بوۋاي ساقاللىرىنى بارماقلىرى بىلەن تاراپ تۇرۇپ،-بۇ سىلەر بىزنى يازغۇدەك ئۇنچىۋالا چوڭ ئىشمۇ ئەمەس، بىزنىڭ ئىنسانلىق ھىس-تۇيغىمىز شۇ يولغا باشلىدى، بۇ ھەر قانداق بىر ئىنسان قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، سىلەر ئاتايىن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەپسىلەر، شۇڭا مەن ئازراق بىرەر نەرسە دەپ بىرەي،-دەپلا سۆزىنى باشلىدى.

  -ھازىرقىدەك ئېسىمدە، 1994-يىلى باھار كېلىپ قالغان بولسىمۇ ھاۋا دېگەندەك ئىللىمىغانىدى، مەن كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە ئورنۇمدىن سەھەر تۇرۇپ ناشتا قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە قوشنا-قولۇملارنىڭ 30 توياقتىن ئارتۇق ئۆچكە، قويلىرىنى ھەيدەپ جاڭگالغا باققىلى ماڭدىم. ئۆيدىن چىقىپ مول ھۇسۇل 3-مەيدان چوڭ يولىغا كەلگەندە، يېقىن ئەتراپتا بىر بوۋاقنىڭ تۇلىمۇ جانسىز ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. يۈرىكىم ئەنسىز سېلىپ، جايىمدا قاققان قۇزۇقتەك بىر نەچچە دەقىقە تۇرۇپ قالدىم. مېنىڭ كاللامغا يەتمىگەن خىياللار كېلىپ، يەنە شۇ نارىسىدە بوۋاقنىڭ جانسىز ئىڭراشلىرى مېنى ئۆزىگە تارتىپ، بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ بوۋاق تەرەپكە ماڭدىم، بوۋاققا يېقىنلاشقانسىرى ئۆپكەم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك تىنىقلىرىم ئۈلگۈرمەي قالدى. يول بويىدىكى ئورمانلىقنىڭ ئىچىدە يېڭىلا توغۇلۇپ، يۆگەككە يۆگەپ قويۇلغان، يۈزلىرى سوغاقتىن كۆكىرىپ كەتكەن بىر بوۋاقنى كۆردۈم. بۇ بوۋاقنى قولۇمغا ئېلىپ شۇ ئەتراپتا مال باققاچ ئىككى سائەتچە تۇرغان بولساممۇ، بىرەر كىشى بۇ بوۋاقنى ئىزدەپ كەلمىگەندىن كېيىن، بالىنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ ئايالىمغا بولغان ئىشنى ئېيتتىم. بىز بۇ قىز بوۋاقنى قانداق قىلىش توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئاخىردا: «ئۇمۇ بىر ئادەم بالىسى، تاشلىۋەتسەك ئادەمگەرچىلىكتىن چىقىپ كېتىمىز، بېقىۋالساق تۇرمۇش ئەھۋالىمىزمۇ، ھەر ئىككىمىزنىڭ سالامەتلىكىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۆزىمىزنىلا ئويلاپ بىر جاننىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرساق بولماس»، دېيىشىپ، ئاخىرى بېقىۋېلىش قارارىغا كەلدۇق. ئايالىم بوۋاقنى يۆگەكتىن يېشىپ، بويىنى سۇغا سېلىپ، ئاغزى-بۇرنىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇپىلاپ، يېڭى يۆگەكتىن بىرىگە قايتا يۆگەپ، سۈت پارشۇكىنى تەڭشەپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزدى. سۈت پارشۇكىنىڭ كۈچى بىلەن، بوۋاقنىڭ چىرايى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىپ، چىرايىغا قان يۈگرەشكە باشلاپ، تاتلىق ئۇيقىغا كەتتى...

  «بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار» دېگەندەك، بوۋاق بۇ ئائىلىگە پۈتمەس-تۈگىمەس خوشاللىق ئاتا قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قوشنا-قولۇم، ئۇرۇق تۇققان، يارۇ-بۇرادەرلىرىنى يىغىپ قوي سويۇپ، ئەزان توۋلاپ «زورەم» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. زورەم شۇ كۈنىدىن باشلاپ بۇ ئائىلنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ ئىللىق ئائىلە، كۈيۈمچان ئاتا-ئانا مېھرىگە ئېرىشىپتۇ. بۇ ئەر-ئايالنىڭ ئائىلە يۈكى ئېغىرلاشقان بولسىمۇ، قىلچە ۋايسىماي «قىزى»نى ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتىدەك مېھىر بىرىپ ئەزىزلەپ، ئەتىۋارلاپ بېقىپتۇ.

  2002-يىلى 9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، مول ھۇسۇل 3-مەيدانىنىڭ بازار كۈنىدە، نىيازخان ئانا كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا چىقىپتۇ. ئۆيگە لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ياناي دەپ تۇرغاندا، 40 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر خەنزۇ ئايال: «يولداش، بالامنى تۇتۇپ تۇرسىڭىز، مەن خالاغا كىرىپلا چىقسام» دەپ قۇچىقىدىكى بالىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. بۇ بىچارە ئانا بىر سائەت، ئىككى سائەت ساقلاپ ھىچ بولماي ئۇ يەر، بۇ يەرلەرنى ئىزدەپ باققان بولسىمۇ، ئۇ ئايال ئاللىقاچان كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ، ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن بۇ بالىنىڭ ئانىسىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، كەچ كىرگىچە ئۇ ئايال پەيدا بولماپتۇ. نىيازخان ئانا «كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال» دېگەندەك، بۇ بوۋاقنى بازاردىن ئالغان نەرسە- كېرەكلەر بىلەن مىڭ بىر جاپادا ئىككى كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى پىيادە بېسىپ، ئائىلىسىگە ئېلىپ كەپتۇ. بۇ بوۋاقنى بېقىۋالسا ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ، بېقىۋالمىسا...

  ئۇلار بۇنىمۇ بېقىۋېلىش قارارىنى چىقىرشىپتۇ. بىراق بۇ كەنجى بوۋاقنىڭ تېنى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ھاياتىدىن ئۈمىد يوق دېيەرلىك ئىكەن. ئۇلار بىر تەرەپتىن دوختۇرخانىغا چاپسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك ئۇسۇلدا تىۋىپلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۆيىنىپ پەرۋىش قىپتۇ. ئۇلار خېلى كۈنلەرگىچە مىللى تىۋىپ، دوختۇرخانىلاردىن نېرى بولالماي، ھالىدىن كېتەي دەپتۇ. ئۇلارنىڭ چىن مۇھەببىتى، كۆيىنىپ داۋالىتىشى، تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۇ بوۋاقمۇ كۈندىن– كۈنگە ياخشىلىنىپ، بۇ ئائىلدىكىلەرنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئەزان توۋلاپ، قازان ئېسىپ «ئەزىز» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. ئىككى خەنزۇ بالىنىڭ سەبىي كۈلكىسى، چۈچۈك تىللىرى بۇ بىر ئائىلىنى خوشاللىققا چۈمدۈرىپتۇ. بۇ ئائىلدىكى ئىككى بالىنىڭ تامىقىنى تەييارلاش، قورسىقىنى تويغۇزۇش، كىر-قات يۇيۇش، ئۇششاق-چۈشەك ئۆي ئىشلىرى، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى، مال-چارۋىلارنى بېقىش... قاتارلىقلار بۇ بوۋاي-مومايلارنى ھالىدىن كەتكۈزۋەتكەن بولسىمۇ، قىلچە ۋايسىماپتۇ. ئۇلار بۇ كۆيۈمچان ئاتا-ئانىنىڭ پەرۋىشىدە كىشىلەرنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرگىدەك بوي تارتىپ چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ. ئۇلارنىڭ بالىلارچە سەبىي قىلىقلىرى بوۋاي-مومايلارنىڭ شۇ كۈنلەردىكى ھارغىنلىقلىرىنى، غەم- قايغۇلىرىنى نەلەرگىدۇ غايىپ قىلىۋېتىپتۇ. «كۈلكىنىڭ كەينى يىغا» دېگەندەك، بۇ خوشاللىقلارمۇ ئۇزۇنغا بارماپتۇ. ئەزىزنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ بىر پۇتىنىڭ مايماقلىقى سىزىلىپتۇ. ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ بۇ ھالىغا چىدىمىغان بۇ مېھرىبان ئاتا-ئانىلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپتۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئوغلىنىڭ بەل ئۇمۇرتقا ئۆسمە كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانلىقى، بالىنى داۋالىتىش ئۈچۈن 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدىغانلىقىنى بىلىشىپتۇ، بۇ بوۋاي-مومايلار ئائىلىسىگە قايتىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن پۇل غەملەپتۇ، چارۋا-ماللىرىنى سېتىپتۇ، قوشنا-قۇلۇم، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن پۇل قەرز ئېلىپ 10نەچچە مىڭ يۈەن نەقلەپ، ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، بىر ئايغا يېقىن داۋالاتقان بولسىمۇ، تولۇق ئەسلىگە كېلەلمەي، ئاقساپ ماڭىدىغان مېيىپ بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئىقتىسادى شارائىتى ئەسلىدىنلا ياخشى بولمىغان بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى بىراقلا ناچارلىشىپ، تولىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە قاپتۇ. لېكىن ئۇلار شۇنداق بولسىمۇ بالىلارغا بولغان چەكسىز ئامراقلىقى، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن ئاشۇ ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئۆزلىرى يېمەي باللارغا يۈگۈزۈپ، كىيىمنىڭ يېڭىسىنى بالىلارغا كەيگۈزۈپ، قولىغا پۇل كىرگەن ھامانلا ئوغلىغا دورا-ئوكۇل ئېلىپ بىرىش، داۋالىتىشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويماپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى بالىسى ساغلام ھەم ئەقىللىق چوڭ بولۇپتۇ. نەتىجىدە روزى قادىر بوۋاي بىلەن نىيازخان ئانا 2002-يىلى ئۆز قوللىرى بىلەن قىزى زورەمنىڭ قۇلىدىن يېتىلەپ مول ھۇسۇل 3-مەيدان خەنزۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئاپىرىپ بىرىپتۇ، زورەم باشلانغۇچنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، 2007-يىلى شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپىغا ئىمتىھان بىرىپ،سانجىدىكى ئۈچ يىللىق تولۇقسىز مەكتەپ ھاياتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، 2011-يىلى ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرغا ئىمتىھان بىرىپ، يوقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈپ، نۆۋەتتە جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇۋېتىپتۇ، بۇ يىل 6-ئايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن. ئەزىزمۇ ھازىر مول ھۇسۇل 3-مەيدان باشلانغۇچ مەكتىپنىڭ 6-يىللىق 2-سىنىپىدا ئەلا ئوقۇۋېتىپتۇ.

  زىيارەت جەريانىدا نىيازخان ئانا تۇلىمۇ سۈيۈنگەن ۋە پەخىرلەنگەن ھالدا بىزگە مۇنداق بىر ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى:

  2014-يىلى قىزىم يازلىق تەتىلنى تۈگىتىپ مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا ئۇنىڭغا: «قىزىم بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز دېگەندەك ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ سالامەتلىكىممۇ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، دادىڭىزنىڭمۇ يۈرەك كېسىلى، مەزى بېزى كېسىلى خىلىلا ئېغىر، شۇڭا ياخشى كۈنلەرنىڭ يامىنى بولۇپ قالسا، سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزنى داۋاملاشتۇرشىڭىزغا تەسىر بولۇپ قالارمىكىن دەپ بەك ئەنسىرەيمىز، شۇڭا بىز تەشكىل ئارقىلىق ئۆز ئاتا-ئانىڭىزنى تېپىپ، سىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيىڭىزنىڭ كۆپىككە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانساق قانداق بولار؟» دىسەم، قىزىم بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ: «ئانا ئۇ دۇنيا، بۇ دانيالىقتىكى بىردىن بىر ئاتا-ئانام سىلەر، مېنىڭ ئىككىنچى ئاتا-ئانام بولسا پارتىيە ھۆكۈمەت، مەن تىرشىپ ياخشى ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئوقۇپ، سىلەرگە ئېغىرىمنى سالماي، مەندىن كۈتكەن ئۆمىدىڭلارنى ئاقلايمەن، مەن سىلەردىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن، بايلىق-نامراتلىق ئادەمنىڭ پەزىلىتىگە، ئىنسانىي خىسلىتىگە دەخلى يەتكۈزەلمەيدۇ، نامرات بولساڭلارمۇ سىلەر مېنىڭ ئۆز ئاتا-ئانام» - دېدى.

  شۇ چاغدا مەن ئويلىنىپ قالدىم. توغرا ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى بايلىق بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، بىز نامرات بولساقمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەت بىزنى تاشلىۋەتكىنى يوق، ئۇكىلىرىم قاراڭلار مانا مۇشۇ 155 كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى خىش قۇرۇلمىلىق ئۆينى پارتىيە، ھۆكۈمەت بىزدىن بىر سىنىت ئالماي سېلىپ بەردى، تۆت نوپۇسقا ئايدا تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بىرىۋاتىدۇ، قىش كۈنلىرى ئىسىنىشىمىز ئۈچۈن كۈمۈر بىرىۋاتىدۇ، ھېيىت-بايراملاردا نەق پۇل، يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك بىرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئۈچ مو تېرىلغۇ يېرىمىز، 15 توياق چارۋا-مېلىمىز بار، قۇرسىقىمىز ئاچ، ئۇچىمىز يالىڭاچ قالمايدۇ. شۇڭا بىز بۇ بالىلىرىمىزنى باققىنىمىزدىن ئۆزىمىزنى چەكسىز بەخىتلىك ھېس قىلىمىز.

  رۇزى بوۋايمۇ مومىيىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن مەمنۇن بولغاندەك بېشىنى يىنىك لىڭىشتتى.

  بىز بۇ تەكلىماكان گىرۋىكىگە جايلاشقان خىلۋەت ماكاندا 22 يىلدىن بىرى ئۆزگىچە بىر دەستە گۈل، يەنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» گۈلىنى ئۈن-تىنسىز پەرۋىش قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ نامسىز تۆھپەكارلارغا، ئۆز ھاياتى، ئۆزلىرىنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشى بەدىلىگە بۇ ئىككى نارىسىدە خەنزۇ بالىلارنىڭ 2-قېتىملىق ھاياتلىق شامىنى ياندۇرۇپ، مەڭگۈلۈك بەختىنى تاپقۇزۇش يولىدا ھەسەل ھەرىلىردەك ئۈن-تىنسىز ئىشلەۋاتقان بۇ بوۋاي-مومايلارنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىدىن چەكسىز سۆيىنىش ئىچىدە زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن خوشلاشتۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر