باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇدا « 4-ماي » ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە «ئون چوڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ياش»نى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2016.05.06 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇبارەك مەخمۇت، ئانارگۈل ھامۇت خەۋىرى، فوتوسى ) 4 - ماي چۈشتىن بۇرۇن، ياشلار ئىتتىپاقى ئونسۇ ناھىيەلىك كومىتېتى ۋە ئونسۇ ناھىيەلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى بىرلىشىپ، ئونسۇ بازىرى زالىدا «4-ماي» ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 97 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات -سەنئەت پائالىيىتى ۋە «ئون چوڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ياش »نى تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ پائالىيەتكە ئونسۇ ناھىيەسى بويىچە ئىش ئورنىنى قىزغىن سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، قېرىنداش مىللەتلەر ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشتىكى ئەڭ گۈزەل ۋاپادار ياش، ياشلىق باھارى بىلەن باشقىلارنى قۇتقۇزغان ياش، ياش ئىگىلىك تىكلەش نەمۇنىچىسى قاتارلىق ئون مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىلى تەقدىرلەندى، بەش نەپەر ياشلار ۋەكىلى ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. ناھىيە بويىچە ھەر قايسى ئىدارە (ئورۇنلار)، يېزا-بازار، مەھەللە كومىتېتلىرىدىن كەلگەن ياشلار مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاپ، زور ئىلھام ئالدى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلدى؛ ئونسۇ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق بىلەت تاشلاش پائالىيىتىدە بىلەت سانى ئەڭ يۇقىرى بولغان ياقۇپجان كەڭ ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ھەر ساھەدىن كەلگەن ياشلار ئورۇنلىغان مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات -سەنئەت نومۇرلىرى پائالىيەتنى تېخىمۇ جانلاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر