خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمانجان ئىسمايىل، گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، ئاقسۇ شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىدىن بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى ئابلەشئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيە دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن 16 مۇتەخەسسىس كەنتتە سەييارە كېسەل كۆردى ھەم 400 گە يېقىن كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى ئۈچ چوڭ تۈر بويىچە ھەقسىز تەكشۈرۈپ، 5000 يۈەن قىممىتىدە دورا تارقاتتى.
سۈرەتتە: كىشىلەرگە دورا تارقىتىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى