باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.05.06 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سىدىق مىجىت، لى ۋېنۋۇ خەۋىرى، فوتوسى) 4-ئاينىڭ 30-كۈنى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى توقسۇ ناھىيەلىك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى ئالدىدىكى مەيداندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يەرمەنكىگە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم رەھبەرلەر، شۇنداقلا نۆۋەتتە ۋىلايەتتە ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلار، توقسۇ ناھىيەسىدىكى تۆت يۈرۈش بەنزىنىڭ رەھبەرلىرى، ناھىيەگە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە ھەر قايسى يېزا-بازارلارنىڭ باشلىقلىرى، توقسۇ ناھىيەسىگە ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىدىن كەلگەن دېھقانلار، قوشنا ناھىيە (شەھەر)، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، كارخانىچىلار ۋە ئاخبارات ساھەسىدىن كەلگەن مۇخبىرلار بولۇپ 5000 دىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى.

  يەرمەنكە سەنئەت نومۇرلىرى «ئايەم» ناملىق كوللېكتىپ ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى. يەرمەنكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، توقسۇ ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى، خەلق ئەل نەغمە سەنئەتكارلىرى، ئوقۇغۇچىلار، دېھقانلار ھەم جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار كوللېكتىپ ئۇسۇل، ناخشا، ئېيتىش قاتارلىق ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  قۇياشنىڭ ئىللىق تەپتى بىلەن باشقىچە ھارارەتكە چۆمگەن چوڭ مەيداندا بادام دوپپا كىيىشكەن ئاپئاق ساقاللىق بوۋايلار، ئاپئاق رومال ئارتقان مومايلار، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ تېخىمۇ لاتاپەتلىك، گۈزەللەشكەن قىز-يىگىتلەر سەنئەتكارلار ئورۇندىغان سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىغا جور بولۇشتى. توقسۇ ناھىيەسىنىڭ قويۇق كۈسەن ناخشا-ئۇسۇل مىڭ ئۆي مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ئەكس ئەتكەن چوڭ تىپتىكى توقسۇ سەنىمى بىلەن سەنئەت نومۇرلىرى ئاياغلىشىپ، پۈتۈن مەيدان قىزغىن بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

  سەنئەت نومۇرلىرىدىن كېيىن توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى يەرمەنكىسىگە قاتناشقان ۋىلايەت، ناھىيە رەھبەرلىرى ۋە ساياھەتچىلەر، كارخانىچىلار توقسۇ تيەنجاۋ خۇڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، يۇرتۇم مۇسۇلمانچە يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، توقسۇ ناھىيەسى يېڭى يۇلتۇز يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى، توقسۇ ناھىيەسى ئەجرىم ئاچچىقسۇ پىششىقلاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق توقسۇ ناھىيەسىگە ماكانلاشقان بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلار ۋە ھەر قايسى يېزا-بازارلارنىڭ يەرمەنكە رايونلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ھەر قايسى كارخانا ۋە يېزا-بازارلار بىلەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلات، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىشىپ، توقسۇ ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئورۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئۈچ كۈن داۋاملاشقان يەرمەنكىدە «خەن-تاڭ دەۋرىدىكى مۇھىم بازار، بەنچاۋ مەھكىمىسى قورۇلغان جاي، كۈسەن قەدىمىي يۇرتى، جەلپكار توقسۇ» ساياھەت ماركىسى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ، «جۇڭگو شىنجاڭ توقسۇ ئۇيغۇر قەدىمىي قول ھۈنەر چالغۇلىرىنى ياساشتىكى بىرىنچى كەنت بولغان جاي كەنتى»نىڭ مەدەنىيەت-ساياھەتچىلىك ماركىسىنىڭ داڭقى چىقىپ، «توقسۇغا كەلمىسىڭىز مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە سىرلىق كۈيلەردىن بەھرىمەن بولالمايسىز» تەشۋىقاتى كەڭ ئېلىپ بېرىلىپ، توقسۇ ناھىيەسى ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون، شۇنداقلا مەملىكەت بۇيىچە داڭلىق ئالاھىدە ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  بۇ قېتىملىق 12-نۆۋەتلىك ئاقسۇ دولان. كۈسەن مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى پائالىيىتى ئارقىلىق قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، مىللىي قەدىمىي چالغۇ كۆرگەزمىسى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يىپەك يولى مەدەنىيتى، كۈسەن ناخشا-ئۇسۇل مىڭ ئۆي مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى روشەن نامايان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر