خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ماي، «26-يانۋار» ئالاھىدە زور زەھەر ئەتكەسچىلىك دىلوسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن مۇزسىمان زەھەر، قورال، زەھەر ماتېرىيالى قاتارلىق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملار دوڭگۇەن شەھەرلىك چېگرا مۇداپىيە تارماق ئەترىتىدە كۆرگەزمە قىلىندى. شۇ كۈنى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى دوڭگۇەندە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بىر قېتىملىق ئالاھىدە زور زەھەر ئەتكەسچىلىك دىلوسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك ج خ چېگرا مۇداپىيە باش ئەترىتى دوڭگۇەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ دوڭگۇەن، خۇيجۇ، فوشەن قاتارلىق جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا تورنى يىغىپ، «26-يانۋار» ئالاھىدە زور زەھەر ئەتكەسچلىك دىلوسىنى پاش قىلىپ، دىلوغا چېتىشلىق 28 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى، 717 كىلوگرام مۇزسىمان زەھەر ۋە بىر تۈركۈم زەھەر ماتېرىياللىرى، قورال، جىنايەت سادىر قىلىشتا ئىشلەتكەن ماشىنا قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى