خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات-تەربىيە مەركىزىدىن ھەسەنجان مەمتىلى فوتوسى) 6-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مىكرو دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسى ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە-شەھەرلەردىن 250 كە يېقىن ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ دەرس ئۆتۈشتىكى ماھارەت-ئۇسلۇبلىرىنى نامايان قىلدى. مىكرو دەرس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئۆگىنىش، چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى