خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۈشكە يېقىن قوراللىق ساقچى قىسىم قاتناش 4 - تارماق ئەترىتى نۆۋەتچى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ شوپۇرى چاڭ شىنيى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا، شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىدىكى 766- قوزۇقنى كۆرگەندە سېگىنالنى كۈچەپ بېسىپ، بۇ يەردە قۇربان بولغان سەپداشلىرىغا ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.
دۆلەت يولى 219 - لىنىيەسى شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، شىمالدا شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيەسى، جەنۇبتا شىزاڭنىڭ رىخازىغىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2340 كىلومېتىردىن، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4500 مېتردىن ئارتۇق بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5 سېلسىيە گىرادۇس، ئوكسىگېن مىقدارى پەقەت ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى رايونلارنىڭ % 40 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاشيول يۈرۈش ئىقتىدارى ۋە بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قاغىلىقتىن ئالىغا بېرىشتا كېتىدىغان ۋاقىت 15 كۈندىن بىر كۈنگە قىسقاردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى