باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىكى: 2016-يىلى نامرات رايونلاردىن يۆنىلىشلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش مەخسۇس تۈر پىلانىدا 60 مىڭ كىشىنى ئالىي مەكتەپ مائارىپى قۇبۇل قىلدۇرۇش پىلانلاندى

2016.05.06 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىكى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا تارقاتقان «2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مائارىپقا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، ئالىي مائارىپنىڭ رايونلار ۋە شەھەر-يېزا ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتىنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىملىقى كۆرسىتىلدى. دۆلەت نامرات رايونلاردىن يۆنىلىشلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش مەخسۇس تۈر پىلانىدا 60 مىڭ كىشىنى ئالىي مەكتەپ مائارىپى قۇبۇل قىلدۇرۇشنى، مەركەز تارماقلىرى يەرلىكتىكى «211 قۇرۇلۇشى» مەكتەپلىرىنى ئاساس قىلغان تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر ئۈستىگە ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا، 2016-يىلى مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى جايلاردا تولۇق كۇرسقا 3253900 كىشىنى قۇبۇل قىلىش پىلانلانغان، ھەرقايسى تارماقلار ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ تولۇق كۇرسقا 460546 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانلانغان. ئوتتۇرا-غەربىي قىسىم رايونلىرىنى قوللاش بويىچە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش پىلانىدا 210 مىڭ كىشىنى قۇبۇل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا 140 مىڭ كىشى قۇبۇل قىلىنىدۇ، بېيجىڭ، تيەنجىن، جياڭسۇ قاتارلىق 14 ئۆلكە (شەھەر)دىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۈستىگە ئالىدۇ، خېنەن، گۇاڭشى، گۇيجوۋ، گەنسۇ قاتارلىق ئوتتۇرا-غەربىي قىسىمدىكى 10 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)دىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر