خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ماي رېژىسسور ستىۋىن فىرانسىيەنىڭ گانادا سىپىلبۇرگنىڭ «دوستانە گىگانتلار» (خەنزۇچىگە «چۈش پۈۋلىگۈچى گىگانتلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان) فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 14-ماي مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمىغان بۆلەكتىكى فىلىم «دوستانە گىگانتلار» 69-نۆۋەتلىك گانا كىنو بايرىمىدا تۇنجى قويۇلدى. بۇ، ئامېرىكىلىق رېژىسسور سىپىلبۇرگنىڭ يېڭى ئەسىرى بولۇپ، ئەنگىلىيەلىك بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى رالد دالنىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، فىلىمدە ياخشى چۈشلەرنى يىغىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر «ئاقكۆڭۈل گىگانت ئادەم» بىلەن كىچىك قىزچاق سوفىيەنىڭ باشقا گىگانت ئادەملەرنى ئادەم يېيىشتىن توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەۋەككۈلچىلىك سەپىرى سۆزلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى