باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«13ـ بەش يىل»دا ئاپتونوم رايونىمىز باشلانغۇچ مەكتەپ (بالىلار باغچىسى)كە ھەر يىلى نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلەيدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن 3080نى قوبۇل قىلىدۇ

2016.05.19 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە،«13ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى باشلانغۇچ مەكتەپ (بالىلار باغچىسى)كە نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلەيدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن 3080نى قوبۇل قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016 - يىللىق «ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى»نىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي كۆلىمى 3080، تولۇق كۇرسقا 2100 ئوقۇغۇچى، مەخسۇس كۇرسقا 980 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇلار ئىچىدە، ئادەتتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە 2502، ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە 103، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە 475 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  «ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى» مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئاساسىي قاتلام قوش تىل مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىرادە باغلىغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن بولۇپ، ھەقسىز تەربىيەلىنىپ، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ. توردا بار ئوقۇغۇچى مەنبەسى يېتەرسىز بولغاندا، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسى يەنە نومۇر چېكىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى» مەخسۇس مەبلىغى نىشانلىق ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىكى ئوقۇش پۇلى، ماتېرىيال ھەققى، ياتاق ھەققى ۋە بەلگىلەنگەن پىراكتىكا ھەققى قاتارلىق ھەقلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇنتىزىم ئوقۇش سالاھىيىتىگە كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدىكەن. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە ئالىي مەكتەپلەر تەسىس قىلغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تەربىيەلىنىدىغان ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر