- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر يىلى 3-ئاي ۋە 11-ئايدا ئېلىنىدۇ
2016.05.25 12:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان سالاھىيەت ئىمتىھان ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان سالاھىيەت ئىمتىھان ۋاقتى تەڭشىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بەلگىلىمە بويىچە يېزىقچە ئىمتىھان ئادەتتە ھەر يىلى ئايرىم-ئايرىم 3-ئاي ۋە 11-ئايدا بىر قېتىم ئېلىنىدۇ؛ يۈز تۇرانە ئىمتىھان ھەر يىلى 5-ئاي ۋە ئىككىنچى يىلىنىڭ 1-ئېيىدا بىر قېتىم ئېلىنىدۇ.
ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان 2016-يىللىق سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 7-، 8 -كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر