باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت مالىدىكى تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىق ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

2016.05.31 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 29-ماي ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، مالىدىكى تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى، مالى ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىشنى تېزدىن تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.

  بان كېمون مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ جاسارىتى ۋە تۆلىگەن بەدىلىگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان كۈندە بۇنداق ھۇجۇمنىڭ يۈز بېرىشى كىشىنى ئازابلايدۇ. خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش ھېسابلىنىدۇ. مەن ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى تېزدىن قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تاراتقۇ باياناتى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە سېلىنغان ئېغىر تەھدىتلەرنىڭ بىرى، تېررورلۇق مەيلى قاچان، قەيەردە يۈز بېرىشىدىن، كىمنىڭ سادىر قىلىشى، مۇددىئاسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەممىسى جىنايى قىلمىش بولۇپ، جىنايى جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دەپ تەكىتلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر