باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش يېڭى يولىنى تېپىش كېرەك

2016.05.26 13:41   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش يېڭى يولىنى تېپىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش − دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بىرى. كونا سانائەت بازىسى پۇرسەتنى چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق كەمچىلىكلەردىن ساقلىنىپ، ئاجىزلىقلارنى يېڭىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىش كېرەك.

  ماي ئېيىدا خېيلۇڭجياڭ زېمىنى ياپيېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. شى جىنپىڭ 23-مايدىن 25-مايغىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شيەنكۈي، ئۆلكە باشلىقى لۇ خاۋنىڭ ھەمراھلىقىدا يىچۈن شەھىرى، فۇيۈەن شەھىرى، جامۇس شەھىرى، خاربىن شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، كارخانا، ئورمانچىلىق مەيدانى، ئىلمىي تەتقىقات ئورنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان پروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەرقىي شىمال قاتارلىق كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇ…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر يىلى 3-ئاي ۋە…
    ·ئېلىمىزدە سەنئەت ساھەسىدە ماگىستىر تەربىيەلەش ئورنى 200 دىن ئاشتى
    ·مەملىكەت بويىچە يەنە 73 ساختا ئالىي مەكتەپ ئاشكارىلاندى
    ·شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىككى ئادەتتىكى كەسپىي ئالىي مەكتەپ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل…
    ·20 ئۆلكە ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەنگە ئا…
    ·«13ـ بەش يىل»دا ئاپتونوم رايونىمىز باشلانغۇچ مەكتەپ (بالىلار باغچىسى)كە ھەر يىلى نىشانلىق ھەقسىز تە…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە كەسپىي ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 360…
    ·دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 240 مىليون يۈەن…
    ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …