باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرەپ ئۆزى يېزىپ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان «ھوللىۋۇد كىنوسى»دا رول ئېلىش ئويى يوق

2016.05.31 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى كارتىرنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان جۇڭگونى ئەيىپلەيدىغان سۆزلىرىگە قارىتا، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 30-ماي، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكا ھەربىي تەرەپتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزى يېزىپ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان «ھوللىۋۇد كىنوسى»دا رول ئېلىش ئويى يوقلىقى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ رايوننىڭ تىنچ، مۇقىم گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى كارتىر يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئوفېتسىرلار مەكتىپىدە نوتۇق سۆزلەپ، جۇڭگونى 22 قېتىم تىلغا ئالدى، جۇڭگونى «ئۆزىنى ئۆزى يېتىم قالدۇرىدىغان سەددىچىن سېپىلى» ياساۋاتىدۇ، دېدى. ئامېرىكىدىكى مەلۇم تاراتقۇ ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ھېكايە توقۇپ، «كۈندۈزنى كېچىگە ئايلاندۇرماقتا»، دېدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، خۇا چۇنيىڭ جاۋاپ بېرىپ:

  «ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى كارتىرنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە دىققەت قىلدۇق، بۇ سۆزلەر تىپىك ئامېرىكىچە تەپەككۇر، ئامېرىكىچە زومىگەرلىكنى ئەكىس ئەتتۈردى» دېدى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر گەرچە 21-ئەسىرگە كىرىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق كاللىسى يەنىلا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۇرماقتا. ئۇلار ھېكايە توقۇپ، خەۋەر ياساپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دۈشمەن ئىزدەپ ۋە دۈشمەن تېپىپ يۈرمەكتە. بۇ قېتىم تىغ ئۇچىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراتتى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى، خۇددى كارتىر ئەپەندى نوتقىدا ئېيتقاندەك، زور مىقداردىكى ئىلغار قوراللارنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇش.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەرشارىلىشىش چوڭقۇر تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇۋېلىشنىڭ چىقىش يولى يوق ھەم ھىچقانداق ئۈنۈمىمۇ يوق. جۇڭگو تەرەپ ھەر قانداق شەكىلدىكى «سوغۇق ئۇرۇش»قا قىزىقمايدۇ ھەم ئامېرىكا ئارمىيە تەرەپتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزى يېزىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان «ھوللىۋۇد كىنوسى»دا رول ئېلىش ئويى يوق. بىراق ھەر قانداق شەكىلدىكى تەھدىت ياكى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان قىلمىشقا جۇڭگو تەرەپ بىرىنچىدىن قورقۇپ قالمايدۇ، ئىككىنچىدىن قەتئىيلىك بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر