- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى لى يۈنفېڭ تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە
2016.05.31 13:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى لى يۈنفېڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە.
لى يۈنفېڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
لى يۈنفېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1957-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇنىڭ جۈرۇڭ دېگەن يېرىدىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، پەلسەپە پەنلىرى بويىچە ماگىستىرىلىق ئۇنۋانىغا ئىگە، 1981-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، 1975-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.
2011-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى بولغان.
2011-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ، ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى، 12-نۆۋەتلىك ئۆلكىلىك پارتكوم ئەزاسى، دائىمىي ئەزاسى، ئۆلكىلىك 11-نۆۋەتلىك، 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان. (قىسقىچە تەرجىمىھالى جياڭسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتىدىن ئېلىندى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر