باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنى ئادىل تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

2016.05.31 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى 29-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسى ھەققىدىكى گېرمانىيە تەپتىشىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز سۆزلىرىدىن كۈچلۈك نارازى بولۇپ، گېرمانىيە دائىرىلىرىدىن بۇ دېلونى ئادىل تەكشۈرۈپ، قاراپ چىقىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، جامائەت پىكىرىگە ئادىل جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچى لى فامىلىلىك بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئانخالت قوللىنىشچان تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقىدىكى بىر شەھەردە تۇراتتى. 25 ياشلىق بۇ قىز ئوقۇغۇچى 11-ماي كەچتە سىرتقا يۈگۈرگىلى چىققاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ساقچىلار 23-ماي ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان.

  جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دېلو يۈز بەرگەندىن بۇيان، باش ئەلچىخانىمىز گېرمانىيە دائىرىلىگە تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلغان سۆزلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكىمىزنى كۆپ قېتىم بىلدۈرۈپ، گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەدلىيە ئادىللىقى بويىچە بۇ دېلونىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئادىل، تېزدىن تەكشۈرۈپ، جىنايەتچىنى قانۇن بويىچە جازالاشنى تەلەپ قىلدى. باش ئەلچىخانىنىڭ ياردىمىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئادۋوكاتى بۇ دېلوغا ئارىلاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر