باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش يېڭى يولىنى تېپىش كېرەك

2016.05.27 10:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن، 25 - ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش − دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بىرى. كونا سانائەت بازىسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق كەمچىلىكلەردىن ساقلىنىپ، ئاجىزلىقلارنى يېڭىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىش كېرەك.

  ماي ئېيىدا خېيلۇڭجياڭ زېمىنى ياپيېشلىققا پۈركەنگەنىدى. شى جىنپىڭ 23 - مايدىن 25 - مايغىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شيەنكۈي، ئۆلكە باشلىقى لۇ خاۋنىڭ ھەمراھلىقىدا يىچۈن شەھىرى، فۇيۈەن شەھىرى، جامۇس شەھىرى، خاربىن شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، كارخانا، ئورمانچىلىق مەيدانى، ئىلمىي تەتقىقات ئورنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىرۇگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  خېيلۇڭجياڭ مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم ئورمانچىلىق رايونى. ئورمانچىلىق رايونىنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش تىپىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالى قانداق؟ ئورمانچىلىق رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئەھۋالى قانداق؟ ئورمانچىلىق رايونىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشى قانداقراق دېگەن مەسىلىلەرگە شى جىنپىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بولۇپ كەلدى. 23 - ماي چۈشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ يىچۈنگە كېلىپلا بۇ شەھەرنىڭ ئېكولوگىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى كۆرگەزمە زالىغا بېرىپ، تەرەققىيات رايونى پىلانى، قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، ئورمانچىلىق رايونىدا دەرەخ كېسىش توختىتىلغاندىن كېيىن كەسىپلەرنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، قىزىل قارىغاي ئۇرۇقى، قارا قېرىنقۇلاق، كۆك مالىنا ھارىقى، يىلتىز ئويما قاتارلىق ئېكولوگىيە مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆردى. كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى ۋە ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتمۈشتە ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ياغاچ ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشى دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلىق ھېسابلىناتتى، ھازىر ئورمانچىلىق رايونىدا دەرەخ كېسىش پۈتۈنلەي توختىتىلغاچقا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش ئوخشاشلا دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئورمانچىلىق رايونىدا ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش مۈشكۈل ۋەزىپە، بۇنىڭ ئۈچۈن تەپەككۇرنى بېيىتىپ، كۆپ چارە - تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ 23 - ماي چۈشتىن كېيىن شاڭگەنلىڭ ئورمانچىلىق ئىدارىسى شىشۈي دۆلەت ئورمان باغچىسىنى تەكشۈردى. ئۇ ئاسما يولنى بويلاپ مېڭىپ، ئىپتىدائىي قىزىل قارىغايلىق قاتارلىق قىممەتلىك دەرەخلەرنى كۆرۈپ، ئورمانچىلىق رايونىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ئورمان بايلىقىنى جەزمەن ياخشى قوغداشنى تاپىلىدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى. ئۇ ليۇ ياڭشۈننىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ، كىرىم - چىقىمنى ھېسابلاپ كۆردى. شى جىنپىڭ ليۇ ياڭشۈن ئائىلىسىدىكىلەر ۋە باشقا قوشنىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئورمانچىلىق رايونىدا دەرەخ كېسىش توختىتىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى نېمە قىلىۋاتقانلىقى، قانداق كىرىم قىلىۋاتقانلىقى، كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ئەھۋالى، شۇنداقلا قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى بىر - بىرلەپ سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدۇم، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى. ئورمانچىلىق رايونىدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات تىپىنى ئۆزگەرتىشتە بەزى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت جەزمەن بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، كۆپچىلىكمۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، كۆپرەك يېڭى يول تېپىشى كېرەك. شى جىنپىڭ كېتىش ئالدىدا، ئۇنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ كەلگەن ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ نۇرغۇن ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىردەك ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ يەنە ئاپتوموبىل بىلەن دوستلۇق ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ 10 مىڭ مولۇق مالىنا كەسىپ رايونىغا كېلىپ، كەسىپ رايونىنىڭ پىلان قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، مالىنا ۋە مەھسۇلات پىششىقلاشقا ئالاقىدار كۆرگەزمىنى كۆردى، مالىنا ئۆستۈرۈش پارنىكىدا تېخنىك خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ مالىنا كەسپىنى راۋاجلاندۇرغانلىقى، ئىنچىكە پىششىقلاش ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى ئاشۇرغانلىقى، ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنى يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئورمانچىلىق ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن بازارنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك تىجارەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەممەيلەن بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئېلىمىز قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ شەرقىگە جايلاشقان، رۇسىيە بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان فۇيۈەن شەھىرى ئىلگىرى «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئەڭ شەرقى»، «شەرقتىكى 1 - ناھىيە» دەپ ئاتىلاتتى. شى جىنپىڭ 24 - ماي چۈشتىن بۇرۇن بۇ شەھەردىكى جيۇچېڭ شال تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ، ماشىنا بىلەن مايسا تىكىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخلاندۇرۇش ۋە شال مايسىسىنى تېز سۈرئەتتە يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكا تەرتىپىنى ئىگىلەپ، دېھقانلار ۋە تېخنىك خادىملاردىن شال تېرىشتىكى ئىلغار ئەندىزە ۋە ئىلمىي ئېتىز پەرۋىشى تەجرىبىسىنى سورىدى، شۇنداقلا شال مايسىسى تىكىدىغان بىر ماشىنىغا چىقىپ، ئۇنىڭ مەشغۇلات جەريانىنى سىناپ كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى −− دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولىدىغان، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئۈنۈملۈك تەشكىللەش شەكلى، ئىلغار تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى يەنىمۇ ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا تەدبىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك يۈلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن خېيشيازى ئارىلىغا بېرىپ، دۇڭجى مۇنارىنىڭ سۇپىسىغا چىقىپ، خېيشيازى ئارىلى، خېيلۇڭجياڭ ۋە ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: خېيشيازى ئارىلىدا ئېكولوگىيەنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسنى قوغدىغان ھالدا بەزى ئاساسلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ۋە ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: خېيلۇڭجياڭ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە ئاۋاز قوشۇپ، «جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يولىنى پائال كېڭەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ 24 - ماي چۈشتىن كېيىن يامغۇرغا قارىماي تۇڭجياڭ شەھىرى باچا خېجېزۇ يېزىسىنىڭ باچا كەنتىگە بېرىپ، ئالدى بىلەن كەنت پائالىيەت مەركىزىدە يەرلىكتىكىلەرنىڭ كەنت قۇرۇلۇشى ۋە خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، مەزكۇر كەنتنىڭ 2013 - يىلى 8 - ئايدا پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق ئىگىلىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۇ مىڭگو باش شۇجىغا: پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتىدە پۈتۈن كەنت ۋەيران بولغانىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدە تېزلا ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ھەممە ئائىلىلەر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىنى كۆپەيتتى، دېدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا جاۋابەن: بىزنىڭ كومپارتىيەمىز پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنى ئويلايدۇ، دېگىنىگە ئەمەل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆپچىلىككە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە كۆپچىلىكنى قوللايدۇ، دېدى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ خېجېلار مىللىي ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خېجېلارنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا تەۋە يىماكەن نەزمىسى ئوقۇتۇشىنى كۆردى. ئۇ: خېجېلارنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى مول، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بېلىق تۇتۇش تېخنىكىسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى، نەقىش سەنئىتىگە ماھىر، يىماكەن نەزمىسى ناھايىتى يېقىشلىق، دەپ تەرىپلىدى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ خېجېزۇ كەنت ئاھالىسى يۇ گۈيلەننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى يوقلىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ 150 مو تېرىلغۇ يېرى، بىر بېلىقچىلىق كېمىسى بارلىقى، بېلىقچىلىق قىلىش، يەر ئوبوروتى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يىلدا تەخمىنەن 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بولدى. يېشى 80دىن ئاشقان يۇ گۈيلەن ئۆزىنىڭ ئەينى يىلى بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە رەئىس ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن چاغدىكى سۈرىتىنى ئېلىپ باش شۇجىغا كۆرسەتتى، شى جىنپىڭ ئۇنى پىشقەدەم ئىلغارلاردىن ئىكەنسىز دەپ ماختىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە 56 مىللەت بىر قېرىنداش. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا بىر مىللەت كەم قالسا بولمايدۇ. ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، تىرىشچانلىق بىلەن كۈرەش قىلغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى جەزمەن تېخىمۇ گۈللىنىپ راۋاجلىنىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى جەزمەن تېخىمۇ باياشات، گۈزەل بولىدۇ.

  كەنتتىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، خېجېلار كەنتىدىكى ئاھالىلەر مىللىيچە كىيىم - كېچەكلىرىنى كېيىشىپ يامغۇرغا قارىماي باش شۇجىنى ئۇزاتقىلى چىقتى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلىشىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  25 - ماي چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خاربىن شەھىرىدە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كېمە - پاراخوت ئېغىر سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ 703 - تەتقىقاتخانىسىدا، شى جىنپىڭ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى گاز تۇرۇبىلىق مەھسۇلاتلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى ئۇلۇغۋار غايە تۇرغۇزۇپ، مۇھىم تېمىلارنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا يەنىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن داۋاملىق شەرەپ قازىنىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  خاربىن ئەنتيەن پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە، شى جىنپىڭ ۋىرۇسقا قارشى موتور تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، تور بىخەتەرلىكى تەھدىتىنى ئەمەلىي نازارەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، نەق مەيداندىكى پەن - تېخنىكا خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىرلەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تور بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. دۆلەت تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە موھتاج، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆتكەلگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش جەريانىدا تېخىمۇ ياخشى يول تېپىش كېرەك.

  خاربىن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش سارىيىدا، شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى، نەتىجە سودىسىنى ئۆزگەرتىش ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، سۈنئىي ھەمراھ لازېر نۇر ئالاقىسى، قورال - ياراغ زاپچاسلىرى، كۆك ياقۇت كىرىستال زاپچاسلىرى، گرافنې، كېمە - پاراخوت ئەقلىي ئىقتىدارى، پاراخوت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قاتارلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، چوقۇم كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە، بازارنى يېتەكچى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك، ھۆكۈمەت سۇپا ھازىرلىشى، مۇھىت يارىتىشى، مۇناسىۋەتلىك قوللاش سىياسەتلىرى بىلەن تەمىنلىشى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، يۆنىلىشنى توغرا تاللاپ، زىيالىيلار ۋە ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەستايىدىل، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تەكشۈرۈش داۋامىدا، شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، كونا سانائەت بازىسىنىڭ تەرەققىياتنى جانلاندۇرۇش جەريانىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تىپنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت مۇھىم پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ھەم قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، ھەم مۇھىم تۆھپە يارىتىدىغان مەزگىل. پەقەت قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرسەكلا، دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى، قاتلىمى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى سەۋىيەسىدە چوڭ سەكرەش بولىدۇ. ئەگەر سىياسەتتە بىر قارارغا كەلمىسەك، خىزمەتتە داۋاملىق ئىلگىرىلىمىسەك، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز. تىپنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ساقلاپ تۇرماي، جاپالىق ئىشلەپ نەتىجە ھاسىل قىلىش كېرەك. سىياسەتنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىشىمىز كېرەك .

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ۋەزىپىسى ئېغىر، شۇڭا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، كونا سانائەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، يېڭى سانائەتنى تىرىشىپ زورايتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ يېتەكچىلىك رولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىش، ئۇلارنى قوللاش ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپلەر زەنجىرى، مۇلازىمەت زەنجىرى ۋە مەبلەغ زەنجىرىنى ئۇلاپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي نۇقتىسىنى يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارغا ئىلھام بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك .

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى ۋە ئاساسلىق ئاشلىق چىقىدىغان چوڭ رايون. شۇڭا زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كۆلەملىك ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى كۆلەملىك ئىگىلىك ئارقىلىق ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى يېزا ئىگىلىك بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك چوڭ بازىسى، چوڭ كارخانىسى، چوڭ كەسپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇش، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، بىيولوگىيە قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، قارا تۇپراقنى ئورتاق ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ ئاساسنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. مالىيە قاتارلىق جامائەت مەبلىغىنى تەقسىملەش، ئىشلىتىشتە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مايىللىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا بولغان چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش، خالىغانچە قىسماسلىق كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەربىيەلىنىش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۈچەش كېرەك. سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تېگى - تەكتىنى ئېنىق بىلىش، كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئىنكاس قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلە بايقىغان ھامان ۋاقتىدا تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىياسەتتە ئاشكارا بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ سىياسەتنى بىلىش، چۈشىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىپ، سىياسەتنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىنىشىغا ماسلىشىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىستىلنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئۆگىنىش جەھەتتە ھەقىقىي، ئەمەلىي ۋە جاپالىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئارقىلىق پۇرسەت ئېڭى، ئىختىساسلىقلار ئېڭى، ئۈنۈم ئېڭى، ئېلىشىش ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇمەن بېرىلگەن ۋەدە، چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇقلاردا ئېيتىلغىنىنى بىرمۇ بىر ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىپ، پاك - دىيانەتلىك سىياسىي خىسلەتنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ ۋە مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر