خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى)«خوتەن گېزىتى» ئىدارىسىدىن 3-تۈركۈمدە قاراقاش ناھىيەسى چىنىباغ كوچا باشقارمىسىنىڭ ئويباغ مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر 5-ئاينىڭ 28-كۈنى تەۋەلىكىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە «شىنجاڭ 10 يۈەن مېھرىبانلىق فوندى»نىڭ خوتەن تارمىقى 36 ئوقۇغۇچىغا 2500 يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇش قوراللىرىنى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. پائالىيەتتە، قاراقاش ناھىيەسىدىكى «تاش تۈگمەن» ئاشخانىسى بۇ بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا بىر ۋاقلىق داستىخان سېلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بالىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى