باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو زور سانلىق مەلۇمات كەسپى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو ئېلېكترونلۇق سودىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2016.05.26 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-ماي گۇيياڭدا جۇڭگو زور سانلىق مەلۇمات كەسپى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو ئېلېكترونلۇق سودىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىدى، زور سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ئەشيا تورى قاتارلىقلارنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بىلەن ئالاقە تورى دەۋرى يېڭى بىر پەللىگە ئۆرلىدى. بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل، بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى بولۇپمۇ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر